تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

بەش كېچە-كۈندۈز تۇغقىنىم بىلەن قويلارنىڭ كېسىلىنى داۋالىدۇق

     ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى: بورتالا ئوبلاستلىق دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ كادىرى لۈ كۈن 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن تۇغقىنى ئەرشىدىن ئىلىنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئۇ ئۆيگە كېلىپ قوتاندىكى ئاقساپ قالغان قوينىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭالايدىغان بولغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى.

     بىر يىل ئىلگىرى، لۈ كۈن بورتالا شەھەرلىك چىندېل بازىرى گۈللۈمتۇ يېزىسىدىكى ئەرشىدىن ئىلى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقانىدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككەيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى.

     3-ئاينىڭ 6-كۈنى لۈ كۈن ئادىتى بويىچە تۇغقىنى بىلەن سەھەر تۇرۇپ قويلارغا يەم بەردى. ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، قوتاندىكى بەزى قويلار ئالدى پۇتى بىلەن يەردە تىزلىنىپ، تىزىغا تايىنىپ ئالدىغا يۆتكىلىۋاتاتتى. بەزى قويلار ئارقا پۇتىنى مىدىرلىتىپمۇ دەست تۇرالمايۋاتاتتى. بۇ ئاغرىپ قالغان قويلار بىرەر نەرسىمۇ يېمەيتتى.

     تۇغقىنىنىڭ ئۆيىدە 84 قوي بار ئىدى. بۇ يىل قىش قويلارنى ياخشى بوردىسا، كېلەر يىلى بۇ قويلار ئوبدان پۇل بولاتتى. ئەگەر قويلارنىڭ كېسىلىنى داۋالاتمىسا بىكار ئاۋارە بولغان بولمامدۇ، لۈ كۈن دەرھال چىندېل بازارلىق مال دوختۇرلۇق پونكىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەھۋالنى ئۇلارغا ئېيتتى. بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن مال دوختۇرلىرى ئەرشىدىننىڭ ئۆيىگە كەلدى.

     مال دوختۇرى ئاغرىپ قالغان ئون نەچچە قوينى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، سوغۇق ھاۋادا قوتان ئىچىنىڭ نەم بولۇشى سەۋەبلىك قويلارنىڭ بوغۇملىرىنىڭ ياللۇغلىنىپ قالغانلىقىنى، ھاك بىلەن ئۇلارنىڭ تۇيۇقىنىڭ قۇرغاقلىقىنى ساقلاپ بەرگەندە ئوڭشىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. لۈ كۈن خاتىرجەم بولدى.

     لۈ كۈن ھاك سېتىۋېلىپ كېلىپ، ئەرشىدىن بىلەن بىللە قويلارنىڭ كېسىلىنى داۋالىدى. ئەرشىدىن قويلارنى تۇتۇپ تۇراتتى. لۈكۈن ئۇلارنىڭ تۇيۇقىدىكى قىغلارنى تازىلاپ ھاك سۈركەيتتى.

     بەش كۈن ئىچىدە، لۈ كۈن بىلەن ئەرشىدىن ھەركۈنى ئەتىگەن ۋە كەچ قويلارنىڭ تۇيۇقىغا ھاك سۈركىدى ھەمدە قوتان ئىچىنى قۇرغاق ساقلاش، باشقا قويلارنىڭمۇ ئاغرىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلار  قوتان ئىچىگە كۈل چاچتى. كېچىلىرى قوپۇپ قويلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تۇردى.

     لۈ كۈن مۇنداق دېدى: تۇنجى كۈنى ئەھۋالى يېنىكرەك قويلار ئۆرە تۇرالىدى. بەشىنچى كۈنى بولغاندا ھەممە قويلار ئۆرە تۇرالىدى. ھەلەپنىمۇ ياخشى يېدى.

     ئەرشىدىن مۇنداق دېدى: ئىنىم ئىككىمىز قوتاندا يۈرۈپ، ئۈستى-باشلىرىمىز قىغ ھەم لاي بولۇپ كەتتى. ئەمما ئۇ بۇنى مەينەت كۆرمىدى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ ياخشى ئۇكام.

    بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، لۈ كۈن بىلەن ئەرشىدىن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىجىل-ئىناق ئۆتتى. چاغاندا ئىككى ئائىلە كىشلىرى جەم بولۇپ جەم بولۇش تامىقى يېدى. چوڭلارنىڭ تەسىرىدە، ئىككى ئائىلىنىڭ بالىلىرىمۇ دائىم بىللە ئوينايدىغان بولدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى بالىلارنىڭ قەلبىگىمۇ تېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى