جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ ( شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
ۋاڭ ياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1955 – يىلى 3 – ئايدا تۇغۇلغان، ئەنخۇي سۇجۇدىن، 1972 – يىلى 6 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1975 – يىلى 8 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، سانائەت پەنلىرى ماگىستىرى.
ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.
1972 – يىلىدىن 1976 – يىلىغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىسى سۇشيەن ۋىلايەتلىك يېمەكلىك زاۋۇتىدا ئىشچى، سېخ مەسئۇلى بولغان
1976 – يىلىدىن 1979 – يىلىغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىسى سۇشيەن ۋىلايەتلىك ‹‹7 – ماي›› كادىرلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى، كافېدرانىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەكتەپ پارتكومىنىڭ ئەزاسى بولغان
1979 – يىلىدىن 1980 – يىلىغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى نەزەرىيە – تەشۋىقات كادىرلىرى سىنىپى سىياسىي – ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان
1980 – يىلىدىن 1981 – يىلىغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىسى سۇشيەن ۋىلايەتلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان
1981 – يىلىدىن 1982 – يىلىغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەنخۇي ئۆلكىسى سۇشيەن ۋىلايەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان
1982 – يىلىدىن 1983 – يىلىغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەنخۇي ئۆلكىلىك كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان
1983 – يىلىدىن 1984 – يىلىغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەنخۇي ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان
1984 – يىلىدىن 1987 – يىلىغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىلىك تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان
1987 – يىلىدىن 1988 – يىلىغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىلىك تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان
1988 – يىلىدىن 1992 – يىلىغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىسى تۇڭلىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى، شەھەر باشلىقى بولغان(بۇ مەزگىلدە: 1989 – يىلىدىن 1992 – يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپىدا پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇغان)
1992 – يىلىدىن 1993 – يىلىغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىلىك پىلان كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ياردەمچىسى بولغان
1993 – يىلىدىن 1993 – يىلىغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1993 – يىلىدىن 1998 – يىلىغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان(بۇ مەزگىلدە: 1993 – يىلىدىن 1995 – يىلىغىچە جۇڭگو پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىلمى فاكۇلتېتى باشقۇرۇش ئىلمى كەسپىنىڭ ئاسپىرانتلار سىنىپىدا ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇپ، سانائەت پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان، 1997 – يىلى 3 – ئايدىن 1997 – يىلى 5 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان)
1998 – يىلىدىن 1999 – يىلىغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان
1999 – يىلىدىن 2003 – يىلىغىچە، دۆلەت تەرەققىيات – پىلان كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان (بۇ مەزگىلدە 2001 – يىلى 9 – ئايدىن 2001 – يىلى 11 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان)
2003 – يىلىدىن 2005 – يىلىغىچە، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى(گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ دائىمىي خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان، مىنىستىر دەرىجىلىك)، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان
2005 – يىلىدىن 2006 – يىلىغىچە چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان
2006 – يىلىدىن 2007 – يىلىغىچە، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان
2007 – يىلىدىن 2007 – يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان
2007 – يىلىدىن 2012 – يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان
2012 – يىلىدىن 2013 – يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان
2013 – يىلىدىن 2017 – يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان
2017 – يىلىدىن 2018 – يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان
2018 – يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 16 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 17 – ، 18 – ، 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 17 – ، 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولغان. ھازىر سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى.