تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسى، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىنى قاراپ چىقتى

  چېن چۈەنگو، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر،شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ،جۇ خەيلۈن قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

  ياۋ تۇڭ، لى ياڭ، شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا گۇرۇپپا يىغىنى ۋە ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى، رېۋىزىيە قانۇنىنىڭ لايىھەسى، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىنى قاراپ چىقتى.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. مەركىزىي كومىتېت ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتنىشىپ، ۋەكىللەرنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى.

  ۋەكىل چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رېۋىزىيە قانۇنىنىڭ لايىھەسى، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان زور تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرما. رېۋىزىيە قانۇنىنى تۈزۈش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ يولى بىلەن دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسى، مېخانىزمىنى مۇقىملاشتۇرۇش دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى ۋە مۇھىم ھالقىسى بولۇپ، دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك رېۋىزىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى دۆلەت ئاپپاراتلىرى نازارەت قىلىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ئەدلىيە جەھەتتىن نازارەت قىلىش، ئامما نازارەت قىلىش، جامائەت پىكرى نازارەت قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم، چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. رېۋىزىيە قانۇنى چىقىرىش خىزمىتىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكى گەۋدىلەندۈرۈلدى. رېۋىزىيە قانۇنى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدا ئۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ، قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئالاھىدە بولۇۋالماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشتەك قەتئىيلىك بىلەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ــــ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ چىقارغان مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە. گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىدە ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى›› ۋە ‹‹پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى››نىڭ روھى، ئورۇنلاشتۇرمىسىى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىسلاھات تەلىپىنى كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ۋەكىل ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى: رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغان، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى رېۋىزىيە قانۇنىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ تۇرغۇزۇلغان، مەن بۇنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. لايىھەدە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش روھى بىلەن بىردەكلىك ساقلانغان بولۇپ، ئالاقىدار مەزمۇن ۋە بايانلار ئاساسىي قانۇننىڭ مەزمۇنى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، بىردەكلەشتۈرۈلگەن. لايىھەدە ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلغان رايونلارنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرى قوبۇل قىلىنىپ، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش كۈچەيتىلگەن، رېۋىزىيە تەدبىرلىرى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلغان، قالدۇرۇپ تۇرۇش تەدبىرىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن، رېۋىزىيە ئورگانلىرى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش، تۇتاشتۇرۇش تەرتىپى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە رېۋىزىيە خادىملىرىنى نازارەت قىلىش كۈچەيتىلگەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ روھى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇلغان ۋە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. رېۋىزىيە قانۇنىنى تۈزۈش دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. رېۋىزىيە قانۇنى ماھىيەتتە دۆلەتنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى بولۇپ، دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىشىنىڭ تۈپ ئاساسى. دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ چىقارغان مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرما، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئۆز – ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆز – ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشى بولۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى تولۇق نامايان قىلدى.

  ۋەكىل شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم پىرىنسىپ تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى ئومۇمىي تەلىپى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى››نىڭ روھى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، مەن بۇنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش ــــ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، مۇھىم ۋەزىپىسى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى، ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان مۇھىم سىياسىي تەدبىرى، ئۇنى چوقۇم قەتئىي، كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. بىز چوقۇم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆتكە بويسۇنۇش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ۋەكىل جۇ خەيلۈن مۇنداق دېدى: رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، خەلقنىڭ ئارزۇسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ ۋە ئىپادىلىنىپتۇ، ئۇنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. رېۋىزىيە قانۇنى قاراپ چىقىپ ماقۇللانغاندىن كېيىن، دۆلەت ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشىنى چوقۇم مۇھىم قانۇن ئاساسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى بولۇپ، ئۇنىڭدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات ئىرادىسى ۋە سىياسىي ئەقىل – پاراسىتى، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، بۇنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.

  ۋەكىل لى ۋېي مۇنداق دېدى: دۆلەت رېۋىزىيە قانۇنىنى چىقىرىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى زور تەدبىر، ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىگە يانداش جىپسىلاشتۇرۇلغان بىرتۈرلۈك مۇھىم قانۇن چىقىرىش پائالىيىتى. رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قەتئىي ئىرادىسى، پارتىيەنى قائىدە بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن دۆلەت نازارەتچىلىكى، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى بىلەن دۆلەت رېۋىزىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىدە خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش ۋە فۇنكسىيەنى بېكىتىش يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپتۇ.

  ۋەكىل ما شۆجۈن مۇنداق دېدى: رېۋىزىيە قانۇنىنى چىقىرىش يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، سوتسىيالىستىك دۆلەت تۈزۈلمىسى، ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى يۇقىرى قاتلاملىق زور لايىھە، دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ ئومۇم ھوقۇقىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشتىكى زور تۈزۈم ئىجادىيىتى. مېنىڭچە، رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسى تولۇق پىشىپ يېتىلىپتۇ، ئۇنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىدىغان چوڭقۇر تارىخىي تەسىرگە ئىگە. گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتى، دۆلەتكە بولغان رىشتى، ئەسلىي مەقسەتتىن قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان روھى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، لايىھەنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى، ئەلرايى كۆرسەتكۈچى، ئىلمىيلىكى يۇقىرى بوپتۇ، بۇنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن.

  ۋەكىل لو دۇڭچۈەن رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسى، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەپ مۇنداق دېدى: رېۋىزىيە قانۇنى چىقىرىشنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش بىلەن ئىسلاھاتنى ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە، چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە. گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى ‹‹پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى››گە ئاساسەن شەكىللەنگەن بىر تۈرلۈك يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە بولۇپ، ئۇنى سىستېمىلىق، پۈتۈنلۈككە ئىگە، قايتا قۇرۇش خاراكتېرگە ئىگە ئۆزگىرىش دېيىشكە بولىدۇ.

  شۈ تاۋ، مەمتىمىن قادىر، جاڭ شىن، لى بىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، سۈن چۈنۋاڭ قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت رېۋىزىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن، رېۋىزىيە قانۇنى چىقىرىش ناھايىتى زۆرۈر. بىز تامامەن قۇۋۋەتلەيمىز.

  قۇرماش سىرجان، دىلشات قېدىرخان، زۇمرەت ئوبۇل، نىياز ھاشىم، جاڭ چېڭيى، چېن لياڭ قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىدە گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى تارماقلار ۋە باشقا ئاپپاراتلارنى تەڭشەش سالمىقى بىر قەدەر زور بوپتۇ، ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش ۋە فۇنكسىيەسىنى بېكىتىش ئەلالاشتۇرۇلۇپتۇ، مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتى راۋانلاشتۇرۇلۇپتۇ، بۇ يېڭى دەۋردە ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇن. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى ۋە مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق خەلق رازى بولىدىغان مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇشىمىز كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى نەيىم ياسىن، شى داگاڭ، ليۇ خەيشىڭ، پېڭ جيارۈي، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەسقەت كەرىمباي يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.