تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاپتوموبىل ۋە پىيادىلەرنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرى نۇقتىلىق تەرتىپكە سېلىنىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    بۇ يىل ئاپتوموبىل ۋە پىيادىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرى كۈندە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن. ئۈرۈمچى شەھىرىدە پىيادىلەرنىڭ قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش، رىشاتكىدىن ئارتىلىش، يولدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈش ھەرىكەتلىرى شۇنداقلا شوپۇرلارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەۋېتىپ تاماكا چېكىش، نەرسە-كېرەك تاشلاش، تېلېفوندا سۆزلىشىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرى مەخسۇس تەرتىپكە سېلىنىدۇ. ئاپتوموبىل ھەيدەۋېتىپ ئۈندىدار ئويناش، ئۇششاق-چۈششەك نەرسە يېيىشتەك قىلمىشلارمۇ تۈزەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.
    مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2018-يىللىق «مەنىۋىي مەدەنىيلىك بەش بىر» يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر» لىك شەرىپىنى مۇستەھكەملەشنىڭ تۇنجى يىلى شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە 6 -نۆۋەتلىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش قانات يايدۇرۇلىدىغان يىل بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى بۇ يىل ئۈرۈمچىدە مەدەنىي شەھەر قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، مەدەنىي قاتناش، مەدەنىي ساياھەت، مەدەنىي مۇھىت، مەدەنىي مۇلازىمەت، مەدەنىي تاماق ئۈستىلى، مەدەنىي تورغا چىقىش، پىدائىيلار مۇلازىمىتى، سەمىمىيلىك قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت سەككىز مەدەنىي ھەرىكەتنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەدەنىيلىكنى يېتىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

    مەدەنىي قاتناش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بۇنىڭ مۇھىم بىر تۈرى. ھەرىكەتتە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماقلىرى شەھەر، رايون (ناھىيە) دىكى ھەر قايسى غول، قوشۇمچە لىنىيەلەر، شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولى ۋە 125 يول ئېغىزىدا ئۈزۈلدۈرمەي تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىپ ۋە تۈزەپ، ھەرىكەتچان چارلاش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ؛ ئاپتوموبىللارنىڭ يۆنىلىش بويىچە يول يۈرمەسلىك، زورلۇق بىلەن يول ئۆزگەرتىش، قەستەن قىسىلىۋېلىش، پىيادىلەرنىڭ قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش، رىشاتكىدىن ئارتىلىش، يولدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈش، شوپۇرلارنىڭ بىخەتەرلىك تاسمىسى باغلىماسلىق، تېلېفوندا سۆزلىشىش، تاماكا چېكىش، دېرىزىدىن نەرسە-كېرەك تاشلاش قاتارلىق قىلمىشلىرى نۇقتىلىق تەرتىپكە سېلىنىدۇ؛ ئاپتوموبىل، پىيادىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرى تەپسىلىي توپلىنىپ ۋە خاتىرىلىنىپ، كۈنلۈك قاتناش قانۇن ئىجراسى ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىدۇ.
    ئۈرۈمچى شەھەرلىك ترانسىپورت باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكىلەر يولۇچىلار بېكىتى ئەتراپىدا تەكشۈرۈپ بايقالغان قانۇنسىز يولۇچى ئىگىلىۋېلىش قىلمىشلىرى ۋە قانۇنسىز يولۇچى توشۇغان ئاپتوموبىللارنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جازالايدۇ. شوپۇرلارنىڭ تاماكا چېكىش، تاماكا قالدۇقى ۋە ئەخلەتنى خالىغانچە تاشلاش، خالىغان يەرگە تۈكۈرۈش، دېرىزىدىن نەرسە-كېرەك تاشلاش، ئۇرۇشۇش قاتارلىق مەدەنىيەتسىز قىلمىشلىرىغا 100-50 يۈەنگىچە جەرىمانە قويىدۇ.
    بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەدەنىيلىك بويىچە ئۈلگىلىك مەھەللە (كەنت) دىن 80 ى، مەدەنىيلىك بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كۆزنىكىدىن 150 ى قۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى