تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13– نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلدى

    سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى 3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 4 – قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى سايلىنىپ چىقتى. يىغىن رىياسەتچىسى ۋاڭ ياڭنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، يۈ جېڭشېڭ بىلەن ۋاڭ ياڭ قىزغىن قول ئېلىشىپ تەبرىكلىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى تېلېگراممىسى. تىرىشىپ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇساپىسىدە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ كونا، يېڭى رەھبەرلىرى يەنە بىر قېتىم ئوڭۇشلۇق نۆۋەت ئالماشتۇردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ ياڭ 3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. يىغىندا يەنە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 24 مۇئاۋىن رەئىسى سايلاپ چىقىلدى.

  سايلام نەتىجىسى ئوقۇپ ئۆتۈلۈشتىن ئىلگىرى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىن مەيدانىغا كېلىپ، ۋۇجۇدقا كېلىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنى تەبرىكلىدى. سائەت 17 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، يىغىن رىياسەتچىسى ۋاڭ ياڭنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، يۈ جېڭشېڭ بىلەن ۋاڭ ياڭ قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭرىدى.

  يىغىندا سايلاپ چىقىلغان سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى: جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېلىلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ.

  يىغىندا شيا باۋلۇڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلاندى، يىغىندا يەنە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 300 ئەزاسى سايلاپ چىقىلدى.

  يىغىن سائەت 15تە خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جاڭ چىڭلى، دۇڭ جيەنخۇا، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسى بولدى، جاڭ چىڭلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جەمئىي 2158 بولۇپ، بۈگۈنكى يىغىنغا 2144 ئەزا قاتناشتى، بۇ، سايلامدىكى بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  سايلام باشلىنىشتىن ئىلگىرى، يىغىن رىياسەتچىسى ئالدى بىلەن خىزمەتچىلەرنى باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئوقۇپ ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلدى. باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرى دەرھال ئورۇنلىرىغا بېرىپ تەق بولدى. بېلەت نازارەتچىلىرى يىغىن زالىدىكى 23 بېلەت ساندۇقىنى تەكشۈردى. ئىككى باش بېلەت نازارەتچىسى يىغىنغا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى دوكلات قىلدى.

  ئارقىدىنلا خىزمەتچىلەر سايلام بېلىتىنى تارقاتتى. سايلام بېلىتى رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەر، باش كاتىپنى سايلايدىغان سايلام بېلىتى ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنى سايلايدىغان سايلام بېلىتىدىن ئىبارەت ئىككى خىل سايلام بېلىتىگە ئايرىلدى.

   سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ سايلام چارىسىگە ئاساسەن، يىغىندا يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلدى. رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەر، باش كاتىپ ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى تەڭ نامزاتلىق سايلام چارىسى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى. نامزاتلار بارلىق ئەزالار قوشۇلۇپ بەرگەن ئاۋاز سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە ئېرىشىپ سايلاندى. خىزمەتچىلەر سايلام بېلىتىنى تولدۇرۇش تەلىپىنى ئوقۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئەزالار سايلام بېلىتىنى تولدۇرۇشقا باشلىدى. بېلەت تاشلاش باشلانغاندىن كېيىن، باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرى ئورنىغا كەلدى ھەم ئالدى بىلەن بېلەت تاشلىدى، ئەزالار ئولتۇرغان رايونى بويىچە بەلگىلەنگەن بېلەت ساندۇقىغا بېلەت تاشلىدى.

  خىزمەتچىلەر يىغىلغان بېلەتنى ساناپ بولغاندىن كېيىن، باش بېلەت نازارەتچىسى يىغىن رىياسەتچىسىگە بېلەت تاشلاش نەتىجىسى دوكلاتىنى تاپشۇردى. يىغىن رىياسەتچىسى: سايلام كۈچكە ئىگە، دەپ جاكارلىدى.

  بېلەت ھېسابلاش تاماملانغاندىن كېيىن، خىزمەتچىلەر سايلام بېلىتىنى ھېسابلاش نەتىجىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. سايلام نەتىجىسىدە رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەر، باش كاتىپ ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىدىن بولۇپ جەمئىي 325 نامزاتنىڭ ئېرىشكەن ئاۋاز سانى ئومۇمىي ئەزا سانىنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ، ھەممىسى سايلاندى.

  يېڭىدىن سايلانغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 64 ياش، مۇئاۋىن رەئىسلەر ئىچىدە كومپارتىيە ئەزاسى 11، كومپارتىيە ئەزاسى ئەمەس زاتلار 13، ئاز سانلىق مىللەت زاتلار تۆت، ئايال ئىككى. يېڭىدىن سايلانغان دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 59.3 ياش، بۇنىڭ ئىچىدە كومپارتىيە ئەزاسى ئەمەس زاتلار 195 بولۇپ، %65 نى ئىگىلىدى؛ ئاز سانلىق مىللەت زاتلار 33؛ ئايال  39.

  پۈتۈن مەيداندىكى ئەزالار يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ تەبرىكلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى