تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، مېركېلنىڭ ئۇدا گېرمانىيە زۇڭلىسى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى

  لى كېچياڭ زۇڭلى مېركېلغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3–ئاينىڭ 14–كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3–ئاينىڭ 14–كۈنى ئانجېلا مېركېلغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گېرمانىيە زۇڭلىلىقىغا 4–قېتىم سايلانغانلىقى ھەم ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو – گېرمانىيە 2014– يىلى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى سىجىل راۋاجلاندى، ئورتاق مەنپەئەت ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە كۆپ تەرەپلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتتە قويۇق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. مەن جۇڭگو – گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىللە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش سەۋىيەسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۇ كۈنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ زۇڭلى مېركېلنى تەبرىكلەپ، جۇڭگو – گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، جۇڭگونىڭ گېرمانىيە يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو – گېرمانىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ راۋاجلىنىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.