تورىمىز خەۋىرى: غۇلجا شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش شىركىتى يېقىندا ئاممىۋى قاتناش IC كارتىسىغا قىممەت تولۇقلاش ئورنىدىن 50 نى كۆپەيتىپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ قىممەت تولۇقلاش، كارتا بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىنىڭ قاپلىنىش كۆلىمىنىڭ بارغانسىرى كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ شەھەر ئاھالىسى ئاممىۋى قاتناشقا ئولتۇرىدىغان بولدى. بۈگۈنگە قەدەر، غۇلجا شەھىرىدە 40 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم ئاممىۋى قاتناش IC كارتىسى بېجىردى.
غۇلجا شەھەر ئاھالىسى جاڭ خانىم مۇنداق دېدى: قىممەت تولۇقلاش تور نۇقتىسىنىڭ ئاز بولۇش مەسىلىسى ئىزچىل بىزنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى.
ئاممىۋى قاتناش IC كارتىسى جاڭ خانىم ئۈچۈن سىرتقا چىققاندا ئېلىۋالىدىغان زۆرۈر بۇيۇم بولۇپ، بىراق، ئاممىۋى قاتناش IC كارتىسىغا قىممەت تولۇقلاش تەس بولغاچقا، ئاممىۋى قاتناش تارماقلىرىنىڭ قىممەت تولۇقلاش ئورنىنى كۆپەيتىشىنى ئىزچىل ئۈمىد قىلىپ كەلگەنىدى.
غۇلجا شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش شىركىتىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ زىيارەت جەريانىدا مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قىممەت تولۇقلاش ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئۇلار پۈتۈن شەھەردىكى لىئەن مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزى بىلەن ھەر قايسى تور نۇقتىلىرىنى تېخنىكا جەھەتتە ماسلاشتۇرۇپ، بىر ئاي ئىچىدە ئاممىۋى قاتناش IC كارتىسىغا قىممەت تولۇقلاش ئورنىدىن 50 نى كۆپەيتىشنى پىلانلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئاممىۋى قاتناش IC كارتىسىغا قىممەت تولۇقلاش ئورنى پۈتۈن شەھەرنى قاپلاپلا قالماي، يېڭى ئابۇنىچىلارنى كارتا بېجىرىش مۇلازىمىتى بىلەنمۇ تەمىنلەيدىكەن. بىراق، ياشانغانلار ۋە ئوقۇغۇچىلار كارتىسىنى بېجىرمەكچى بولغانلار يەنىلا غۇلجا شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش شىركىتىنىڭ مۇلازىمەت زالىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندىن كېيىن ئاندىن بېجىرەلەيدىكەن.