تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

بالىڭىزنىڭ ئاچچىقى يامانمۇ؟

ماتېرىيال سۈرەت

    بالىڭىزنىڭ ئاچچىقى يامان بولسا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بېقىڭ:

    بىرىنچى، ھەممە ئىشىغا ماقۇل بولىۋەرمەڭ. نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ يىغىسىغا قاراپ، ئارتۇقچە ئويلىمايلا، بەزلەشكە باشلايدۇ ھەمدە بالىسىنىڭ بارلىق تەلەپلىرىگە ماقۇل بولىدۇ. بۇنداق قىلىشى ماجىرانى تېزرەك بېسىقتۇرۇپ، بالىسىنى يىغىدىن توختىتىپ تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر. ئەمەلىيەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشى خاتا، چۈنكى بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، كېيىنكى قېتىم تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، بىرەر ئېھتىياجى قاندۇرۇلمىسا تېخىمۇ قاتتىق يىغلاپ ئالەمنى بېشىغا كىيىدىغان بولۇۋالىدۇ. بۇ خىل ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋالغان بالىلار كېيىنچە يولسىز جېدەل قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار ھۇشيار بولۇشى، ئۇلارنىڭ بارلىق تەلەپلىرىگە ماقۇل بولماسلىقى كېرەك، بالىلىرىغا قايسى تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشقا بولىدۇ، قايسى تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشقا بولمايدۇ، دېگەن مەسىلىلەرنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

 

ماتېرىيال سۈرەت

    ئىككىنچى، بالىڭىزنى ئۇرماقچى بولسىڭىز سەۋەبىنى بىلىپ ئۇرۇڭ. نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار ھېرىپ-ئىچىپ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگەندە، بالىلىرى جېدەل قىلىشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەلبېغىنى چىقىرىپ بالىسىنى ئۇرۇشقا باشلايدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇنداق قىلىشىمۇ خاتا، ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىنىڭ نېمىشقا جېدەل قىلغانلىقىنى سورىشى كېرەك، بەلكىم بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىگە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان بولۇشى ياكى مۇۋاپىق تەلەپلىرى ئورۇندالماي قالغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا سەۋەبىنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن، ئۇنچىلىك خاپا بولۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. ئەگەر بالىڭىزنىڭ تەلىپى چەكتىن ئېشىپ كەتمىسە قاچانغىچە ئورۇنداپ بېرىدىغانلىقىڭىزنى دەڭ، مۇۋاپىق بولمىغان تەلەپ بولسا بالىڭىزغا سۆزلەپ چۈشەندۈرۈڭ، شۇنداق قىلسىڭىزمۇ يەنە گەپ ئاڭلىمىسا ئاندىن ئۇرسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز، لېكىن يەنىلا ئامال بار بالىغا ئۇرۇش ئارقىلىق ئەمەس، سۆز بىلەن تەربىيە قىلغان تۈزۈك.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئۈچىنچى، سوغۇققانلىق بىلەن ھەل قىلىڭ. بالىڭىز توختىماي يىغلاپ جېدەل قىلسا، بەزلەپ بولالمىسىڭىز، سۆزلەپ قايىل قىلالمىسىڭىز، قانداق قىلىسىز؟ بۇنداق يولسىز بالىلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ، ئۆز ئىشىڭىزنى قىلىڭ، بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزى بىلەن كارى بولمايۋاتقانلىقىنى بايقىغاندا، ئۆزىگە مەنىسىز تۇيۇلغاندا تەبىئىيلا يىغلاشتىن توختايدۇ. كېيىن ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ بالىسى بىلەن نېمىشقا يىغلاپ جېدەل قىلغانلىقى توغرىسىدا سۆزلىشىپ، قانداق تەلەپلىرى بولسا ئاتا-ئانىسىغا دېيىشنى، بۇنداق خاتا ئۇسۇل بىلەن ئاتا-ئانىسىدىن ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

    تۆتىنچى، بالىنىڭ تەلىپىنى دەرھال قاندۇرماڭ. ئەگەر بالا جېدەل قىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئاتا-ئانىسىغا تەلىپىنى قاندۇرغۇزسا، بۇنى ياخشى ئەھۋال دېيىشكە بولمايدۇ. ئاتا-ئانىلار ئايلانما تاكتىكىنى قوللىنىپ بالىنىڭ تەلىپى توغرىسىدا سۆزلىشىش كېرەك، بالىلارغا نېمە بىلەن ئۇنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشنى سۆزلەش كېرەك، ئەمما ۋاقىت، شارائىت يار بەرگەندە نېمىشقا ئۇلارنىڭ تەلىپىنى ئورۇنداپ بېرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

    بەشىنچى، دىققەتنى بۇراش. ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ تەلىپىگە ماقۇل دەپ قويۇپ، خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇنتۇپ قالىدىغان ئىشلار بولىدۇ، بالىلار بۇنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئاتا-ئانىسى ئۆزىنى ئالداپ قويغاندەك، گېپىدە تۇرمىغاندەك ئويلاپ، قاتتىق يىغلاپ جېدەل قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار باشقا نەرسىلەر بىلەن بالىسىنى بەزلىسە، ياكى بالىسى بىلەن بىرگە ئوينىسا، ياكى بولمىسا كارتون فىلىم قويۇپ، نېمە سۆزلەنگەنلىكىنى دېگۈزسە، ۋە ياكى بالىغا چاقچاق قىلىپ دىققىتىنى بۇرىسا بولىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا بالا تېزلا باشقا ئىشلارنى ئۇنتۇپ سىز بىلەن خۇشال ئوينىيالايدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئالتىنچى، ئاتا-ئانىسىنىڭ پىكرى بىردەك بولۇش كېرەك. بالىغا تەنقىدىي تەربىيە ئىشلىگەندە  ئاتا-ئانىلارنىڭ پىكرى بىردەك بولۇشى، بىر-بىرگە قارشى چىقماسلىقى كېرەك، بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ پىكرىنىڭ بىردەك ئەمەسلىكىنى بىلىپلا قالسا، كىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاشنى بىلەلمەي، ئۆزىگە يۆلەنچۈك تېپىۋالغاندەك ھېس قىلىپ، گەپ ئاڭلىمايدىغان بولۇۋالىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى