مۇھەببەتنى مال-دۇنيا ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا ياخشى كۆرۈش ۋە قەدىرلەش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، قۇرۇق قول توي قىلىش ھەقىقىي مۇھەببەتتىن دېرەك بېرىدۇ. ئىسسىق-سوغۇقنى باشتىن ئۆتكۈزگەن قىز-يىگىتنىڭ مۇھەببىتى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولىدۇ. ئۇنداقتا قانداق كىشىلەر قۇرۇق قول توي قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ؟
1.بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇشقان قىز-يىگىتلەر. بەزى قىز-يىگىتلەر بىر-بىرىنى كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈشۈپ قالىدۇ ھەمدە ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنى تاپقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ، چاقماق تېزلىكىدە قۇرۇق قول توي قىلىدۇ، ئەمما بىر مەزگىل ئۆتكەندە ئۆزلىرىنىڭ ئالدىراقسانلىق قىلغانلىقىغا پۇشايمان قىلىشىدۇ.
2.زىيادە ئۇلۇغ غايىلىك قىز-يىگىتلەر. بۇنداق قىز-يىگىتلەر قۇرۇق قول توي قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىمۇ، قارشى تەرەپنىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويىدۇ. ئۇلار تويدىن كېيىن تىرىشساقلا غايىمىز ئەمەلگە ئاشىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئاساس بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ.
3.ئىقتىسادىي كىرىمى يوق قىز-يىگىتلەر. بۇ خىلدىكى قىز-يىگىتلەر تويدىن كېيىن چوقۇم پۇلىمىز بولىدۇ، دەپ ئويلايدۇ، ئەمما تويدىن كېيىن ئاۋۋال مۇۋاپىق ئىش ئورنى تېپىۋالمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلىشىدۇ.