شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل 87 كوچىنى رەتكە سېلىشنى پىلانلاپ، تۇنجى تۈركۈمدە 64 كوچىدا دەسلەپكى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى يولغا قويدى.
تۇنجى تۈركۈمدىكى 64 كوچىدىن تىيانشان رايونىدا 18 ى، سايباغ رايونىدا 10 ى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) دا 14 ى، بۇلاقتاغ رايونىدا 14 ى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) دا سەككىزى بار.
شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ ۋېنلى مۇنداق دېدى: ھازىر ھەرقايسى رايونلار ئىش باشلاشنىڭ دەسلەپكى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتىدۇ ھەمدە لايىھە سۇنۇۋاتىدۇ. بۇ يىل كوچىلارنى رەتكە سېلىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە «ئىمارەتلەرنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش» تەك مۇھىم فۇنكسىيە گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئاھالىلەرنىڭ مەنزىرە مۇھىتىغا بولغان ئېھتىياجى كۆزدە تۇتۇلغان ئاساستا، ئەمەلىي ئىشلىتىش فۇنكسىيەسى كۈچەيتىلىدۇ.