تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   دۆلەت ۋە مىللەت

ماراكەش ساپما كەشلىرى

ماتىرىيال سۈرەت

  نۇرغۇن كىشىلەر «مىڭ بىر كېچە» ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ باققان. «مىڭ بىر كېچە» ھېكايىلىرى ئىچىدە كىشىلەرگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغىنى «ئالاۋىدىن ۋە سىرلىق چىراغ». شارۋار بىلەن جىلىتكىنى ماسلاشتۇرۇپ، پۇتىغا ئۇچى ئۇچلۇق كەش كىيگەن ئالاۋىدىننىڭ ئوبرازى بۇ ھىكايىنى ئوقىغان كىشىلەر ئۈچۈن بەكمۇ تونۇشلۇق. ئەمەلىيەتتە، ھېكايە ئىچىدىكى كىيىملەر رېئال تۇرمۇشتا ھەقىقىي مەۋجۇت. ئالاۋىدىن كىيگەن شۇ ساپما كەشنىڭ ئەسلىي تىپى شىمالىي ئافرىقىنىڭ ئەڭ غەربىدىكى ماراكەشتىن تېپىلغان.

  ساياھەت رايونى بولغان ماراكەشنىڭ ئىمارەتلىرى ۋە نەرسە-كېرەكلىرى رەڭدارلىقى بىلەن داڭلىق. بۇ خىل ئالاھىدىلىك ماراكەشنىڭ ئەنئەنىۋى ساپما كەشىدىمۇ گەۋدىلەنگەن. ماراكەشتە ساپما كەش «بابۇشى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە خۇرۇم ۋە تاۋاردىن تىكىلىدۇ. شەكلى سەرخىل، رەڭگى ئوچۇق «بابۇشى» تەشمە نەقىش، مەرۋايىت قاتارلىقلار بىلەن تېخىمۇ چىرايلىق بولىدۇ. ساپما كەشنىڭ ئۇچى يۇمىلاق ياكى ئۇچلۇق شەكىلدە ياسالغاچقا ناھايىتى كىچىك «كېمە» گە ئوخشاپ قالىدۇ. ماراكەشنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىدا «بابۇشى» ساتىدىغان دۇكانلار بەك كۆپ بولۇپ، مەيلى كوچىدا سودا قىلىۋاتقانلار بولسۇن، ياكى ئۆيى ئالدىدا ئولتۇرغانلار بولسۇن، ۋە ياكى بازاردىن كۆكتات ئېلىپ ئۆيگە ماڭغانلار بولسۇن، ھەممىسى ئۆزىگە ماس كەلگەن بىر جۈپ «بابۇشى» كىيگەن بولىدۇ.

  ماراكەش ساپما كەشى يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغانلىقىدىن باشقا، يەنە ساپ قولدا ياسالغان. ماراكەشتە نۇرغۇن ئاياغ دۇكانلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاياغ ياسايدىغان ئىشگاھى بار. بىر ماراكەش ساپما كەشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە ئومۇمەن تۆۋەندىكى بىرقانچە باسقۇچ بولىدۇ: بوياش، كېسىش، قىرىش، تىكىش، تارىشلاش، سىلىقلاش ۋە تۇراقلاشتۇرۇش. بۇ مەشغۇلاتلارغا تەخمىنەن بەش-ئالتە سائەت كېتىدۇ. ئەمما بۇ ۋاقىت ئاياغنى بېزەشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ئاياغنى زىننەتلەشنى ئادەتتە ئاياللاردىن تەركىب تاپقان كوپىراتىپ ئۈستىگە ئالىدۇ.

  بۈگۈنكى كۈندە ماراكەش ساپما كەشلىرى مودا ئېقىم ساھەسىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، ئاياغ لايىھەلىگۈچىلەر ماراكەش ساپما كەشىدىن ئۈلگە ئالماقتا. 2015-يىلى دۇبەيدە «مىڭ بىر كېچە» باش تېمىسىدا شانېل مودا كىيىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مودېللار پۇتىغا ئىسلاھ قىلىنغان ماراكەش ساپما كەشلىرىنى كىيگەن، بۇ ئەنئەنىۋىلىك ۋە زامانىۋىلىق تولۇق بىرلەشتۈرۈلگەن ماراكەش ساپما كەشىنىڭ ھامان مودا ئېقىم تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئېلىپ تۇرىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى