تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ھەپتە ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلار «قالتىس سەن، ۋەتىنىم» ناملىق فىلىمنى كۆردى

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: «قالتىس سەن، ۋەتىنىم» ناملىق فىلىم 3-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ قويۇلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كىنوخانىلار ئادەمگە لىق تولدى. 3-ئاينىڭ 9-، 10-، 11-كۈنلىرىدە چوڭ كىنوخانىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىنو كۆرۈش دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى.

  كىنونى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار قاتتىق ھاياجانلىنىپ كىنوخانىدا: «قالتىس سەن، ۋەتىنىم، مەن ۋەتىنىمنى سۆيىمەن!» دەپ ۋارقىراشتى.

  3-ئاينىڭ 9-كۈنى شەھەرلىك 54-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2-يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جو ۋېي تۆت ساۋاقدىشى بىلەن كىنو كۆرگىلى كەلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بىر يېرىم سائەتلىك ھۆججەتلىك فىلىمدە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى، يېشىل مۇھىت ئاسراش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى، ھەربىي ئىشلار قۇرۇلۇشى، ئىچكى ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلەر نامايان قىلىنىپتۇ. «جۇڭگولۇق بولۇش سۈپىتىم بىلەن ۋەتىنىمگە قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىمەن».

  شەھەرلىك 12-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى ياڭ يى مۇنداق دېدى: «فىلىمدە كىشىنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدىغىنى مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى كۆتۈرۈپ، كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا <ۋەتىنىمىزنىڭ بىزنى ئۆيگە ئېلىپ كەتكىنىگە رەھمەت> دەپ توۋلىغىنى بولدى. مەن ئەنگلىيەگە ئۈچ قېتىم بارغان، چەت ئەلدە ‹ۋەتەن-كۈچلۈك ئارقا تىرەك› دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ۋەتىنىمىزدىن ئىبارەت بۇ كۈچلۈك ئارقا تىرەك بولغاچقا، چەت ئەلدىكى ھەربىر جۇڭگولۇقمۇ ناھايىتى كۈچلۈك بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولماقتا».

  3-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن شەھەرلىك 9-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى لۈ تيەنخۇي فىلىمنى كۆرۈپ بولۇپ كىنوخانىدىن چىقتى، ئۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن ھاياجانلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈپ، دوستلار چەمبىرىكىگە مۇنداق دەپ يوللىدى: «دېڭىز ھالقىغان چوڭ كۆۋرۈكتە ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۇچقاندەك ماڭغاندا؛ گۈللىنىش ناملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىققاندا؛ دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان چوڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندا؛ دۆلەت بايرىمىلىق ھەربىي پاراتتا كېتىۋاتقان ھەربىيلەرنىڭ مەردانە قىياپىتىنى كۆرگەندە چىن يۈرىكىڭىزدىن قالتىس سەن، ۋەتىنىم! دەپ ۋارقىراپ سالىسىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى