تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بىر مىنۇتتا 90 قەدەم مېڭىشنى ئون مىنۇتتىن يېرىم سائەتكىچە داۋاملاشتۇرۇڭ

ماتېرىيال سۈرەت

    ياشانغانلار دائىم: «تاماقتىن كېيىن قىلساڭ ساياھەت، تەنگە بېغىشلار ھېسابسىز راھەت» دېيىشىدۇ. بىراق ئەمەلىيەتتە تاماقتىن كېيىنلا مېڭىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. ئەگەر تاماقتىن كېيىنلا ماڭغاندا، ئۇسۇلى توغرا بولمىسا، ھەزىم قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەدەنگە بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.

    شاڭخەي شەھەرلىك 4-ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسى ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ۋاڭ كەي «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرىغا: تاماقتىن كېيىن ماڭغاندا قورساق مۇسكۇللىرىنى تارايتىپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ياخشىلايدۇ، لېكىن ئەڭ ياخشىسى تاماق يەپ بولۇپ يېرىم سائەتتىن كېيىن مېڭىش كېرەك، دېدى.

ماتېرىيال سۈرەت

    بۇنداق بولۇشى ئاشقازان نىسبەتەن تويۇق ھالەتتە تۇرغاندا، تېخىمۇ كۆپ ئاشقازان فېرمېنتى ئاجرىلىپ چىقىپ، يېمەكلىك بىلەن تولۇق بىرىكىپ، دەسلەپكى ھەزىم قىلىش ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇڭا بۇ چاغدا ئاشقازان- ئۈچەي يولىغا يېتەرلىك قان سۇيۇقلۇقى تەمىنلىنىشى كېرەك. تاماقتىن كېيىن مۇۋاپىق دەم ئالغاندا ئاشقازان-ئۈچەيگە تېخىمۇ كۆپ قان تەمىنلىنىپ، ئاشقازان ئىچىدىكى يېمەكلىك پۈتۈنلەي ھەزىم بولىدۇ.

    تاماقتىن كېيىن مېڭىشتا سۈرئەتنى ياخشى كونترول قىلىش، بەك تېز ماڭماسلىق، بىر مىنۇت ئىچىدە 90 قەدەم مېڭىش، بىر سېكۇنتتا بىردىن-ئىككى قەدەمگىچە مېڭىش، ۋاقىتنى ئون مىنۇتتىن يېرىم سائەت ئارىلىقىدا كونترول قىلىش كېرەك. ئادەم بەدىنىدىكى قان سۇيۇقلۇقى بەدەننىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەقسىملىنىدۇ، ئەگەر يول ماڭغاندا زىيادە تېز ھەم ئۇزۇن ماڭغاندا، كۆپ مىقداردا قان سۇيۇقلۇقى ھەرىكەت سىسىتېمىسىغا تەقسىملىنىپ، ھەزىم قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاشقازان-ئۈچەينى بىئارامسىزلاندۇرىدۇ، ھەتتا ئاشقازان-ئۈچەي كېسىلىنى پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن. بولۇپمۇ، ياشانغانلار، يۈرەك-ئۆپكە ئىقتىدارى چېكىنگەنلەر، قان-تومۇرلىرى قېتىپ قالغانلار، قان بېسىمى رېفلېكسلىق تەڭشەش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار، تاماقتىن كېيىن دائىم قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كېتىدىغانلار بەك تېز مېڭىۋەتسە ھەزىم قىلىش يوللىرىنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    يول مېڭىش قىياپىتىدە ئۈستۈنكى بەدەننى تىك تۇتۇپ، كۆكرەكنى بېسىۋېلىشتىن ھەمدە يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش، ئەڭ ياخشىسى پۇت ئۆكچىسىنى ئاۋۋال يەرگە تەگكۈزۈش كېرەك. مېڭىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال قول-پۇت ۋە بەدەننى ئاددىي ھەرىكەتلەندۈرۈش، مېڭىش جەريانىدا قورساق بىئارام بولسا، يېنىك دەرىجىدە باش قىيىش ئالامىتى كۆرۈلسە، دەرھال توختاپ ئارام ئېلىش كېرەك.

    بۇنىڭدىن باشقا، كۆپلىگەن كىشىلەر كەينىچىلەپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ خىل مېڭىشتا ئادەتتە ھەرىكەت قىلمايدىغان مۇسكۇللار غىدىقلىنىپ، قان ئايلىنىش تېزلىشىدۇ، تەڭپۇڭلۇق كۈچى ياخشىلىنىپ، بەل كۈچى ئاشىدۇ، ئەمما تەڭپۇڭلۇق كۈچى ياخشى بولمىغانلار، ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلار كەينىچىلەپ مېڭىشقا ماس كەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ يېقىلىپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. ياشانغانلار كېچىدە ماڭغاندا ئەتراپ مۇھىتىغا دىققەت قىلىشى، خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئالاھىدە كىشىلەر توپى مېڭىش ماھارىتىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك. سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى بارلار تاماقتىن كېيىنلا ماڭسا، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى تېزلەپ، يېمەكلىك  ئاشقازان دىۋارى غىدىقلىنىدۇ، بۇ ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسىز. شۇڭا بۇنداق كىشىلەر تاماق يەپ بولۇپ بىر سائەتتىن كېيىن ماڭسا بولىدۇ. ئاشقازىنى ساڭگىلاپ كەتكەنلەر تاماقتىن كېيىن دەرھال ھەرىكەت قىلسا، ئاشقازان تەۋرىنىشى تېزلىشىپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇ خىل كىشىلەر تاماق يەپ بولۇپ ئون، يىگىرمە مىنۇت تۈز يېتىشى، ھەرىكەت قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى