تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ھامىلىدارلار تۇغۇتنى تېزلىتىش ئوكۇلىنى قايسى ۋاقىتتا ئۇرغۇزسا بولىدۇ؟

    تۇغۇتنى تېزلىتىش ئوكۇلىنى ئۇرغۇزۇش چوقۇم تەبىئىي يەڭگىگىلى بولىدىغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. تەبىئىي يەڭگىيەلەسلىك ياكى يەڭگىيەلمەسلىك ھامىلدارلارنىڭ ئەھۋالى تەرىپىدىن، يەنى ھامىلىنىڭ تۆۋەنلەش ئەھۋالى، ئانىنىڭ تۇغۇت يولىنىڭ كېڭىيىش ئەھۋالى، جىسمانىي ئەھۋالى، روھىي ئەھۋالى ۋە تولغاق ئەھۋالى قاتارلىق ھەر خىل ئەھۋاللارغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا تۇغۇتتىن ئىلگىرى ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرۇش زۆرۈر بولمىسا دوختۇر ئالدى بىلەن تەبىئىي تۇغۇشنى سىناپ بېقىش تەكلىپىنى بىرىدۇ، ئارقىدىن تۇغۇت جەريانىنى كۆزىتىدۇ ۋە كۆرۈلگەن ھەر خىل مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، بۇ جەرياندا ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرۇشىمۇ مۇمكىن.

    ئادەتتە، ھامىلىدارلىق مەزگىلى 42 ھەپتىدىن ئېشىپ كەتسە كېچىكىپ تۇغۇشقا تەۋە بولىدۇ. كېچىكىپ تۇغۇش ئانىنىڭ ۋە ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيانلىق، يەنە كېلىپ تۇغۇت تەس بولۇش ۋە ھامىلىگە ئوكسېگىن يېتىشمەسلىك خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتى توشۇپمۇ تۇغمىسا، قەرەللىك تەكشۈرتۈش كېرەك. دوختۇر ھامىلىنىڭ تەۋرىشى، ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى، B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى، باش سۈيى مىقدارىغا ئاساسەن تۇغۇت ۋاقتىنى بەلگىلەيدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا ھامىلىدارلىق مەزگىلى 42 ھەپتىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

    ھامىلىدارلار ھامىلىدارلىقنىڭ 39-ھەپتىسىدە ھەرىكەت قىلىش، يېمەكلىكنى تەڭشەش ۋە ياكى كۆكسىنى غىدىقلايدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق مۆلچەردىكى تۇغۇت ۋاقتىدىن كېچىكىپ تۇغۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، 39 ھەپتىدىن كېيىنمۇ تۇغمىغاندا، ھامىلىدارلار ھامىلىنىڭ تەۋرەش ئەھۋالىنى ياخشى كۆزىتىش، 40 ھەپتىدىن كېيىن ھەر 3 كۈندىن 7 كۈنگىچە بىر قېتىم ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى تەكشۈرتۈش، ھەتتا B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق باش سۈيىنىڭ مىقدارىنى ئىگىلەش كېرەك. دوختۇر قانداق ۋاقىتتا دورا ئارقىلىق تۇغۇشنى تېزلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەكلىكىنى ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدىكى ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ بېكىتىدۇ.

    پىرىنسىپ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھامىلىدارلار 41-ھەپتىسىدە دوختۇرخانىدا يېتىپ تۇغۇشنى تېزلىتىش ئوكۇلى ئۇرغۇزسا بولىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئەگەر باش سۈيى ئازىيىپ كەتسە (باش سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 3 سانىتىمېتىردىن تۆۋەن، كۆرسەتكۈچى 8 سانتىمېتىردىن ئاز بولسا)، ھامىلىنىڭ تەۋرىشى ياخشى بولمىسا (ھەر سائىتىگە ئۈچ قېتىمدىن ئاز، 12 سائەتتە 20 قېتىمدىن ئاز بولسا) دوختۇر ھامىلىدارلارنى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى