تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلاردىن ئەتىياز پەسىللىك خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى باشلاندى

 مەركىزىي شەھەر ئىستېمالى شەھەر گېزىتى: بۇ يىللىق ئەتىياز پەسىللىك خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى رەسمىي باشلاندى، بۇ قېتىمقى خادىم قوبۇل قىلىش يىغىنى 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە توردا ۋە نەقمەيداندا، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدا ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 ئۈرۈمچى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى، ئىلى بېكىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى، گەنسۇ بېكىتى نەقمەيداندا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى (4-ئاينىڭ 21-كۈنى) ۋە ئىچكى موڭغۇل نەقمەيداندا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى (5-ئاينىڭ 10-كۈنى) دا نەقمەيداندا خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدۇ.

  جۇڭگو دۆلەتلىك ئىختىساسلىقلار تورى (www.newjobs.com.cn)بۇ قېتىملىق ئەتىياز پەسىللىك خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان بولۇپ، پائالىيەت مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئاممىۋىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورى (www.xjggjy.com)، جۇڭگو شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورى (www.xjrc365.com)باش بېتىدا مەخسۇس «مەملىكەتلىك چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ بىرلىشىپ ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش _ شىنجاڭ مۇلازىمەت مەخسۇس رايونى» تەسىس قىلىنىپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن قولايلىق يارىتىلىدۇ.

  1. شىنجاڭ بېكىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى

  ۋاقتى :5-ئاينىڭ 19-كۈنى (شەنبە 10:30دىن 14:30 غىچە)

  ئورنى : شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى

  كۆلىمى : رايون ئىچىدىكى يەرلىك ئورۇنلاردىن 200ى، ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ 100 ئورۇن بار .

  2. ئىلى بېكىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى

  ۋاقتى : 5-ئاينىڭ 20-كۈنى (يەكشەنبە 10:30دىن 14:30 غىچە)

  ئورنى: ئىلى ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى

  كۆلىمى :100 ئورۇن

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى