تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   ئاجايىپ-غارايىپ

چاۋاك چېلىش تۈرىدە دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان ئەر

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىلىق ئىلەن بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن بولۇپ، كەسپىي ئىسكىرىپكىچى ئىكەن، ئۇ بىر سېكۇنتتا 20 قېتىم، بىر مىنۇتتا 1020 قېتىم چاۋاك چېلىپ، جىننېس دۇنيا رېكورتى ياراتقان.

  ۋىدىيودا كۆرسىتىلىشىچە، ئىلەن كوچىدا ماھارىتىنى كۆرسەتكەندە كىشىلەر ھاڭ-تاڭ قالغان.

  ئىلەن جىننېس دۇنيا رېكورتىنى يارىتىش ئۈچۈن ھەر كۈنى توختىماي چاۋاك چىلىپ مەشق قىلغان. مەشىق قىلىش جەريانىدا قوللىرى قىزىرىپ، ئۆزى چارچىغاندا ئاندىن توختىغان، ئۇ مۇنداق دېگەن: «نۇرغۇن كىشىلەر چاۋاك چېلىش تەس ئىش ئەمەس دەپ ئويلايدۇ، ئەمما بىر مىنۇت توختىماي چاۋاك چېلىشقا ھەقىقەتەن كۈچ كېتىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى