تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ قەتئىي ئەمەلىيەتچىسى بولىمەن

  ئاپتونوم رايونلۇق بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمەت كومىتېتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، ئەترەت باشلىقى، 1–شۇجى ياسىن ئابدۇرېھىم

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك، مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىشى ۋە ئالاھىدە قوللىشى نەتىجىسىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇقىملىقنى ئويلاش، ئىناقلىققا تەلپۈنۈش، تەرەققىياتقا ئىنتىلىش، بېيىشنى كۆزلەش ئارزۇسى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن كۈچلۈك بولدى. بىز ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، گۈللەنگەنلىكى، تەرەققىي قىلغانلىقىدىن چەكسىز پەخىرلىنىمىز ۋە ئىپتىخارلىنىمىز.

  مەن پارتىيەنىڭ تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر، 30 نەچچە يىلدىن بۇيانقى خىزمەت مۇساپەم ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىلگىرىلەش جەريانىمدا، پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، خاتىرجەم ياشاپ، تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، يېڭى جۇڭگونىڭ بولمايدىغانلىقىنى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئىللىق قوينىدا، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

  ئەمما، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنىڭ مۇقىم بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى، ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىنى كۆرۈشنى خالىماي، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر بىلەن بىرلىشىپ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىگە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلدى، ئۇلار شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بىز چوقۇم كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قېزىپ چىقىپ، پاك – پاكىز يوقىتىپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىك يىلتىزىنى يۇلۇپ تاشلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە پۇت دەسسەپ تۇرغىدەك يەر قويماسلىقىمىز لازىم.

  مەن شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى: مەن پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر، ماتېرىيالىزملىق ئاتېئىزمچى. مەن كادىرلار ۋە ئاممىغا بولغان تەشۋىق – تەربىيە خىزمىتىنى ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنى دىنىي ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئىشنى بىر – بىرلەپ قىلىپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋرگە ئەگىشىپ ماڭىمەن. ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى يۈرۈشلۈك ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. مەن قەتئىي ھالدا چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىنى پەرقلەندۈرۈشتە مەيدانىمنى ئالاھىدە ئېنىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ھەرىكىتىمنى ئالاھىدە قەتئىي قىلىپ، ھەرمىللەت ئاممىنى سۆيۈشتە ئالاھىدە چىن – سەمىمىي بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىم ۋە تارىخىي بۇرچۇمنى ئاڭلىق زىممەمگە ئالىمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن. قەتئىي ھالدا پارتىيەگە بولغان مۇتلەق ساداقىتىمنى قىنىمغا، روھىمغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە بارلىقىمنى بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ قەتئىي ئەمەلىيەتچىسى بولىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى