تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش پارتىيە رايى ۋە ئەلرايىنىڭ مايىللىقى

  ___ ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت، ھەرساھەدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

  3 – ئاينىڭ 11 – كۈنى، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى›› ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس – بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەن، يېڭى مۇساپە باشلانغان ھالقىلىق مەزگىل، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەيتنى پەملەپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئاساسىي قانۇنغا مۇۋاپىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارارىنى چىقاردى، بۇ، دەۋرنىڭ تەلىپىگە تامامەن ئۇيغۇن. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى، ‹‹شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى››نىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنىڭ تىكلىنىشى، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىرلىكىنى نامايان قىلدى، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلدى، بۇ، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  تۇرپان شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈي چېڭجياڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى، بۇ، ئەلرايىنىڭ مايىللىقى، مەن بۇنى تامامەن ھىمايە قىلىمەن، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن! ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلاشقان بولۇپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىرلىكى نامايان قىلىندى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە يۈرەك ساداسى ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

  بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى لى خەيمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىغا كىرگۈزۈلۈشى بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ھېسابلىنىدۇ. بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشقان، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. پىروكۇراتور بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىدىيەدە، ھەرىكەتتە ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن بۇرچۇمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش – نازارەت قىلىش ئىدارىسى سىياسەت، قانۇن – نىزام باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۇ جيەنخۇا مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دۆلەت ئەھۋالىغا، يېڭى دەۋردىكى سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، بۇنىڭدا پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلاشقان ھەم ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىنغان. ئاساسىي قانۇنغا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرگەندىلا، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ساقلاپ قالغىلى، ئاساسىي قانۇننىڭ قېلىپلاشتۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى، قانۇنچىللىق يولىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرغىلى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ.

  چاقىلىق ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى تۇنىياز مامۇت مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكى قاتارلىق زور ھۆكۈملەر ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلۈپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى، خەلقنىڭ ئىرادىسى ۋە ئەڭ يېڭى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى ئاساسىي قانۇندا نامايان قىلىنىپ، ھازىرقى باسقۇچتىكى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇلدى. ئەدلىيە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى پۇختا تىكلەپ، قانۇننى ھۆرمەتلەش، قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىش ئۈلگىسى بولىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قانۇن تەشۋىق – تەربىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەتلەيدىغان، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، ئاساسىي قانۇننى قوغدايدىغان ياخشى كەيپىياتنى پائال يارىتىمەن.

  يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى جاۋ گۇاڭيا مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىدە رېۋىزىيە كومىتېتىغا ئالاقىدار مەزمۇنلار كۆپەيتىلىپ، دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ئاساسىي قانۇن ئاساسىغا ئىگە قىلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكى نامايان قىلىندى، بۇ، مۇقەررەر ھالدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى، قانۇنچىللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئالاتاۋ شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى يوۋ لىشيا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيەنىڭ نەزەرىيە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنى تەشۋىق قىلىش ۋە شەرھلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مەجبۇرىيىتىم بار، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاساسىي قانۇننىڭ روھىنى چوڭقۇر، تولۇق ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ۋە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشىمەن.

( لى جىڭسۇڭ، ياڭ شۇخەن، خېي خۇڭۋېي، شيا چىڭ، چېن چېن، بايىنغولىن ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ شياۋدۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جېڭ لىڭسەي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى