تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە تۇنجى باھار يامغۇرى يېغىپ، تېمپېراتۇرا ℃10 تۆۋەنلىدى

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتە ئۈرۈمچىدە بۇ يىللىق تۇنجى يامغۇر ياغدى، تېمپېراتۇرا ئالدىنقى كۈنىگە قارىغاندا ℃10 ئەتراپىدا تۆۋەنلىدى.

  مېتېئورولوگىيە تارمىقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 3-ئاينىڭ 14-، 15-كۈنى ھاۋارايى ئوچۇق بولىدىكەن، 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، شەھەر رايونىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃0 ئەتراپىدا بولىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە قارىغاندا، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىدە كۆپ قېتىم يامغۇر يېغىشى مۇمكىن ئىكەن، شۇڭا ئالاقىدار ئورۇنلار يامغۇردىن كېيىنكى كەلكۈن ۋە يېمىرىلىش ئاپەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى