ئۆز خەۋىرىمىز: 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلىمىزنىڭ 40-نۆۋەتلىك «كۆچەت تىكىش بايرىمى» بولۇپ، كۈنەس ناھىيەسى «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۈچۈن، يېشىللىق بەرپا قىلىش، يېشىللىقنى سۆيۈش، يېشىللىقنى ئاسراش، يېشىللىقنى گۈللەندۈرۈش ئاساسىي تېمىسىدىكى يېشىل كۈنەس بەرپا قىلىش دولقۇنىنى قوزغىدى، شۇ كۈنى كۈنەس ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى يېزا-بازار (مەيدان) ۋە ئورمانچىلىق ئىدارىسى ناھىيە بازىرى ۋە يېزا-بازار ( مەيدان ) لاردىكى ئاساسلىق كوچىلاردا كۆچەت تىكىش بايرىمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
كۈنەس ناھىيەسى بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە ئاساسلىقى تەشۋىقات تاختىلىرىنى تىزىش، تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى بېسىپ تارقىتىش، مەسلىھەت سوراش ئورنى تەسىس قىلىش، كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاممىغا كۆچەت تىكىپ، ئورمان بەرپا قىلىش، ئېكولوگىيەنى قوغداشنىڭ مۇھىم ئەھمىيتىنى تەشۋىق قىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا « ئومۇمىي خەلق مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش نىزامى »، « ئورمان قانۇنى »، « ئۇرۇقچىلىق قانۇنى »، « ئورمان ئوت مۇداپىئە نىزامى »، « ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى »، « سۇلۇق يەرنى قوغداش نىزامى » قاتارلىق قانۇن-نىزاملار ۋە 2018-يىللىق ئورمان بەرپا قىلىشقا ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى.
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، كۈنەس ناھىيەسىدىكى بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە جەمئىي 20 تەشۋىقات لوزۇنكىسى ئېسىلىپ، 16 مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى تەسىس قىلىنىپ، 5500 پارچە تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقىتىلىپ، 70 دىن ئارتۇق ئادەم مەسلىھەت سوراش مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلغان.