تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئون مەخسۇس كومىتېت تەسىس قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنى 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى قۇرۇلتاينىڭ 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارارىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاپ، ئون مەخسۇس كومىتېت تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى.

  بۇ ئون مەخسۇس كومىتېت تۆۋەندىكىچە: مىللەتلەر كومىتېتى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى، رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتى، مائارىپ – پەن – مەدەنىيەت – سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، جۇڭگو چياۋمىنلىرى كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى – يېزا كومىتېتى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتى. ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلار مۇدىر ئەزا، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالار، ئەزالاردىن تەركىب تاپتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى قۇرۇلتاي مەزگىلىدە رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتى قۇرۇلتاي مەزگىلىدە خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تەكشۈرىدۇ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ خامچوتىنى تەكشۈرىدۇ. شۇڭا، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنى 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى، مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى.

  قۇرۇلتاينىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە، 3 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ 7 – ئومۇمىي يىغىنىدا يەنە 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، مائارىپ – پەن – مەدەنىيەت – سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، جۇڭگو چياۋمىنلىرى كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى – يېزا كومىتېتى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىك لايىھەسى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى