تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى

  ـــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىدە قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

  3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››غا قاتنىشىۋاتقان خەلق قۇرۇلتىيى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر، شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، شۇنداقلا شىنجاڭ ھەربىي رايونى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردە ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتىمىز.

  ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز

  رەئىس شى جىنپىڭ ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئىستراتېگىيەلىك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. باش قومانداننىڭ تەنتەنىلىك سۆزىدىن ‹‹ئىككى يىغىن››غا قاتنىشىۋاتقان خەلق قۇرۇلتىيى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر، شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىم ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر چەكسىز ئىپتىخارلاندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تىزناپ يېزىسىنىڭ چېگرا قوغدىغۇچىسى لاچىن بايقا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بىرلىشىپ چېگرانى قوغدىشى بۇ تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىر. ئائىلىمىزدىكى ئۈچ ئەۋلاد مۇنەۋۋەر چېگرا قوغدىغۇچى بولدۇق، 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىگە ياردەملىشىپ، چېگرانى چارلاپ ۋە قوغداپ، ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا مۇداپىئە ئىشلىرى ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشۇپ كەلدۇق. مەن بۇنىڭدىن كېيىن ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، دىققىتىمنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، چېگرا قوغدىغۇچىلىق رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرىمەن ھەم ئەتراپىمدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ چېگرانى قوغداش، چېگرانى مۇقىملاشتۇرۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئىشلىرىغا ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى بىرلىكتە ياخشى قوغدايمەن.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارمىيە بىلەن يەرلىكتە ئارمىيە خەلقنى سۆيىدىغان، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىدىغان شەرەپلىك ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ئابدۇكېرىم ئېزىز مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە پىلانلىشى، بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇشى بىلەن، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، ھەرقايسى ساھەدە ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى چوڭقۇر كېڭەيتىلىپ، پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئىلگىرى سۈرۈلگەن، تېز تەرەققىي قىلغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن ئارمىيە بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورناتتى. بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت كۈچنى بىرلەشتۈرۈش، ئارمىيە بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ بەرپا قىلىش، ئارمىيە بىلەن خەلق بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش، ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قىسىم ئۈچۈن پائال ئەمەلىي ئىش قىلىپ، قىيىن ئىشلارنى ھەل قىلىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملىشىمىز، راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  چوڭ مەشىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرىمىز

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى نەق مەيداندىن ئاڭلىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ‹‹1 – ئاۋغۇست ئوردېنى››غا ئېرىشكۈچى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ گاڭ مۇنداق دېدى: قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ھەرۋاقىت ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىمىز، دەيدىغان روھىي ھالەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى چوڭ مەشىقنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ۋەتەن ئۈچۈن پوستتا ياخشى تۇرۇپ، ياخشى قاراۋۇللۇق قىلىپ، چېگرانى ياخشى قوغداپ، تىرىشىپ دەۋرنىڭ ئىمتىھانىغا لاياقەتلىك جاۋاب بېرىمىز.

  تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى گازارمىلاردا شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ ھەربىي قىسىملىرىدىكى كوماندىر – جەڭچىلەر تېلېۋىزور، رادىيو، ئالاقە تورى قاتارلىق تاراتقۇلاردىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى دەل ۋاقتىدا ئاڭلىدى، كۆردى ھەم ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى. كوماندىر – جەڭچىلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، غەمخورلۇق قىلغانلىقىدىن تولىمۇ ھاياجانلاندى، ئىلھاملاندى. كۆپچىلىك بەس – بەستە مۇنداق دېيىشتى: باش قومانداننىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، ھەربىي مەشىق ۋە جەڭ ھازىرلىقى ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، جەڭ قىلىشتا نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا، شۇنى جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، پىروگرامما تەلىپى بويىچە قاتتىق مەشىق قىلىپ، قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەسسە قوشىمىز.

  مەلۇم شى بىرونېۋىك تۈەنىنىڭ تۈەنجاڭى نيې ۋاڭجۈن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېزىس ئۆلچىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، قىيىن، پۇختا، ئەمەلىي بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن، ئەمەلىي جەڭگە تەقلىد قىلىنغان مۇھىتتا قىسىمنى قاتتىق چېنىقتۇرۇپ، مەشىق ئاساسىنى پۇختىلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ھەربىي ماھارەتنى جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭ قىلغان ھامان غەلىبە قىلالايدىغان سەرخىل قوشۇن، كۈچلۈك قوشۇن قۇرۇپ چىقىمىز.

  قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ زاپاس 4 – تارماق ئەترىتىگە كەلگىنىمىزدە، بۇ تارماق ئەترەتتىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر ھەيۋەت بىلەن قۇلاقنى يارغۇدەك جاراڭلىق توۋلاپ، دۈشمەننى بويسۇندۇرۇش ۋە نەيزىۋازلىق ماھارىتىنى مەشىق قىلىۋاتاتتى. بۇ تارماق ئەترەتنىڭ سىياسىي كومىسسارى جاڭ پېڭچېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىدە قىلغان مۇھىم سۆزى بىزنى بەك ئىلھاملاندۇردى. قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ئاساسەن تاماملاندى، كېيىنكى قەدەمدە بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، يېڭى پىروگرامما بويىچە قىلىدىغان مەشىقنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەربىي تەلىم – تەربىيە ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى يېڭى دولقۇنىنى قوزغايمىز.

  تەڭرىتاغنىڭ ئىچكىرىسىدە مەشىق قىلىۋاتقان قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم تارماق ئەترىتىنىڭ جەڭچىسى نەبىجان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. رەئىسنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەربىي ئىرادەمنى چىڭىتىپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ياخشى جەڭچىسى بولۇپ، دۈشمەننى يوقىتىش ماھارىتىمنى ئاشۇرۇپ، چېگرا رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

  ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى سۈن چۈنۋاڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىشى، دەپ كۆرسەتتى. بىز دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، قوللاپ، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش شەكلىدىكى تۈپ ئۆزگىرىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ سادىق ھۆرمەت قىلغۇچىسى، ئاڭلىق ئەمەل قىلغۇچىسى، قەتئىي قوغدىغۇچىسى بولۇپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  رەئىس شى جىنپىڭ ئىلغار پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، تەتبىقلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپەت – ئۈنۈم تىپىدىن پەن – تېخنىكا كۆجۈملەشكەن تىپقا ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالدىكى چېگراسىنى ساقلاۋاتقان ‹‹كىچىك ئاقتېرەك›› قاراۋۇلخانىسىنىڭ پەيجاڭى ۋاڭ چاۋ بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە يىلدا، چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ليەندۈيلەرگە سىن سىستېمىسى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق ئىلغار ئۈسكۈنىلەر سەپلىنىپ، كۆپ خىل شەكىللەر قوللىنىلىپ، چېگرا مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىز كۈچەيتىلدى. بىز چوقۇم ‹‹چېگرادا يىلتىز تارتىپ، جاسارەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان›› كىچىك ئاقتېرەك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پائال تۈردە پەن – تېخنىكىنى ئۆگىنىپ، تەتبىقلاپ، زامانىۋى پەن – تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، چېگرانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرىمىز.

   ئېلېكتىرونلۇق قارشىلىشىش مەلۇم لۈيىنىڭ ئايال ئىستۇدېنت جەڭچىسى شى يىتۇڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمبەھرىلىنىش قارىشىنى كۈچەيتىپ، بېكىنمە، مونوپول ھالەتنى قەتئىي بۇزۇپ تاشلاپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە بايلىق تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئالاقىچى ئايال ئەسكەر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھازىر ئەڭ مۇھىمى ئۇچۇرلاشتۇرۇش نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، قولۇمدىكى قورال – جابدۇقلارنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇپ، ھەربىي ماھارەتنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۆگىنىش ۋە مەشىق داۋامىدا دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، تەتقىق قىلىپ، ئۇچۇرلاشقان جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان ئاۋانگارت جەڭچى بولۇشقا تىرىشىمەن.

  ( لى ياڭ، يۈەن لېي، شى شىن، قىسىمدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىمىز ۋاڭ گويىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز شى جۈنجيې، گو فاخەي، ۋاڭ زىبىڭ، يۈەن كەي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى