تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرى كۆپەيتىلدى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى 3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى-چۆچەك-غۇلجا، قەشقەر-غۇلجا-ئالتايدىن ئىبارەت ئىككى بېرىپ-كېلىپ قاتنايدىغان ئىككى تارماق لىنىيەنى ئاچىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا، تاشقورغان، ئالتاي ئارىسىدا بوشلۇق تورى ھاسىل قىلىنىدىكەن.

    بۇ ئىككى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭدىكى مۇھىم شەھەرلەر ئارىسىدا يولۇچىلارغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالي شىنجاڭدىكى بىر قانچە مۇھىم ساياھەتچىلىك شەھەرلىرى ئارىسدا بىۋاستە قاتناشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماي، جايلار ئارىسىدىكى خادىم ئالماشتۇرۇش، سودا ئالاقىسى، ساياھەتچىلىك ئىشلىرىدا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

   ئەتىياز پەسلىدە، يېڭى ئېچىلغان ئىككى ھاۋا يولى دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى تۆت قېتىم قاتنايدىكەن.

   بۇلتۇر، شىنجاڭدىكى 19 ئايرودۇرۇمىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 30 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان، توشۇلغان يۈك 188 مىڭ توننىغا، ئۇچۇپ قونغان ئايروپىلان سانى 359 مىڭ قېتىمغا يەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، 2018- يىلى، شىنجاڭ يەنە ئالتە تارماق لىنىيەلىك ئايرۇدۇرۇمنى ئۆزگەرتىپ ياكى كېڭەيتىپ قۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى