تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا گۈزەل تۇرمۇش يېڭى مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى

   لى چۈنشيا

جىڭ ناھىيەسى باجياخۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇلۇشى تۈرىدىن بىر كۆرۈنۈش. جىڭ ناھىيەسى ‹‹گۈزەل يېزا – كەنت›› قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇرالغۇ، يول، ئىچىدىغان سۇ، يورۇتۇش، يېشىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشلىرىنى ئاساسلىق يولغا قويۇپ، ‹‹بىر كەنتتە بىر مەنزىرە، بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات›› بولۇش ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلماقتا. ( ئەن شياۋلوڭ فوتوسى)
  باھارغا پۈركەنگەن مارت ئېيىدا پۈتۈن كائىنات ئىللىپ، ھەممە مەۋجۇدات ئويغاندى. مەكىت ناھىيەسىنىڭ غازكۆل يېزىسى قاماكۆل كەنتىدىكى دېھقان ئابدۇۋەلى ئابدۇروسۇل 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تىراكتورىنى ھەيدەپ ئېتىزلىقتا تېرىلغۇ ئىشى بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: سەككىز مو بۇغدايلىقىمىزنى ئوغۇتلاپ بولدۇم، ھازىر باشقىلارنىڭ يېرىنى ئوغۇتلاشقا ياردەملىشىۋاتىمەن، بىر كۈندە نەچچە يۈز يۈەن تاپىمەن، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ياخشى بولغاچقا، بۇ يىلمۇ جەزمەن مول ھوسۇللۇق يىل بولىدۇ، پۇقرالارنىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى ئۈمىدكە تولۇۋاتىدۇ، ئۇلار بارغانسېرى ياخشى كۈن كەچۈرۈۋاتىدۇ!

  ‹‹خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز››. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت ‹‹مۇھىم ھالقا››نى تىرىشىپ چىڭ تۇتۇپ، سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرۈش، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا قانات يايدۇردى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، ئىناق ھەم بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان يېڭى مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

  خەلق تۇرمۇشىدىكى مول نەتىجىلەر ــــ

  ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان توققۇز چوڭ قۇرۇلۇش خەلق تۇرمۇشىغا ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى

  2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى، فۇكاڭ شەھىرى غەربىي فۇكاڭ سانائەت رايونىدىكى ‹‹ئاۋلىكې›› جۇڭليەن سولياۋچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، يەكەن ناھىيەسىدىن كەلگەن ئىشچى ئادىل ئابدۇللا توننىلىق تاغار ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. قەشقەر، خوتەن ئىككى ۋىلايەتنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياخشى سىياسىتىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن ئادىل ئابدۇللا خوتۇنىنى ئېلىپ بۇلتۇر 10 – ئايدا فۇكاڭ شەھىرىگە كەلگەن ھەم كارخانىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، دېھقاندىن ئىشچىغا ئايلانغانىدى. ئادىل ئابدۇللا كۈلۈپ تۇرۇپ: ھازىر بىر ئايدا ئاز دېگەندىمۇ 4000 يۈەن مائاش ئالىمەن، ئۆتكەن ئايدا خوتۇنۇم ئىككىمىز 8500 يۈەن مائاش ئالدۇق، دېدى.‹‹خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز››دىن ‹‹خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش››كىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ غېمىنى يېيىشنى باشتىن – ئاخىر قەلب تۆرىگە قويۇپ، 2017 – يىلى ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان توققۇز چوڭ قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنى تېز يۈكسەلدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى، بىخەتەرلىك ۋە بەختنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

  ـــ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر – بازارلىرىدا 470 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەر 2 مىليون 750 مىڭ ئادەم (قېتىم) يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىن ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى يولغا قويۇلدى، شەھەر – يېزىلاردىكى 47 مىڭ ئارتۇق ئەمگەكچى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈلدى؛

  ــــ كۆپ قاتلاملىق، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىشنى مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇپ راسچوت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛

  ــــ كەپىلىك مەھەللىدىكى 368 مىڭ يۈرۈش ئۆي ئۆزگەرتىلدى، يېزىلاردا 300 مىڭ يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىندى. ئاقتۇ، قۇتۇبى، تاشقورغاننىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان 17 مىڭ 355 ئائىلىلىك ئامما يېڭى ئۆيلەرگە خۇشاللىق بىلەن كۆچۈپ كىردى؛

  ـــ سۈپىتى يۇقىرى، مۇھىتى ياخشى، ئەسلىھەلىرى تولۇق يېزا ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىدىن 4408 ى يېڭىدىن قۇرۇلۇپ ۋە كېڭەيتىپ سېلىنىپ، ‹‹قۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر قۇرۇش››، ‹‹كىرىشكە تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر كىرگۈزۈش›› ئىشقا ئاشۇرۇلدى. كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىش ئارقىلىق ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى؛

  ــــ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشكە تەخمىنەن 1 مىليارد 585 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 18 مىليون 840 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تاماملاندى، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنىڭ تولۇق قاپلىنىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق ۋە داۋالاش – ساقلىق ساقلاش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستى؛

  ــــ يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ۋە ‹‹بەش بىر تۇتاش›› ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ يۈكى زور دەرىجىدە يەڭگىللىتىلىپ، ئاپتونوم رايوندىكى دېھقانلارنىڭ چىن دىلىدىن قىزغىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى...

    ــــ  ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك تەدبىرلەر ئارقا – ئارقىدىن چىقىرىلدى، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك قۇرۇلۇشلار بىر – بىرلەپ يولغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت شۇ دەرىجىلىك مالىيە چىقىمى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %70 ىدىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلەتتى. ئەمەلىي سېلىنغان مەبلەغ 23 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت ئاممىنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارنى ‹‹ھەقىقىي بەخت››كە ئىگە قىلدى.

  خەلق تۇرمۇشىغا بولغان قايناق ھېسسىيات ــــ

ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر كۆپلەپ ھەل قىلىندى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017 – يىلى 3 – ئاينىڭ 10 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ‹‹شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئەمىن تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان بەزى تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بەزى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان بەزى مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك››.

  ئەتراپلىق، چوڭقۇر غەمخورلۇق قىلىش. باش شۇجىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش توغرىسىدىكى چوڭقۇر غەمخورلۇقى، سەمىمىي تاپشۇرۇقى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ خەلققە بەخت يارىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى ئېنىقلاش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ تەخىرسىز خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەر بىر كىشىنى ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئىللىق نۇرىدىن بەھرىلەندۈردى.

  3 – ئاينىڭ 3 – كۈنى، كوناشەھەر ناھىيەسى ئوغۇساق بازىرى يىلاكۇ كەنتىدىكى ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىدە، بەش ياشلىق راھىلە ساۋۇت رەتلىك كىيىنىپ، بۇلاقتەك كۆزىنى چىمچىقلىتىپ، كۆپچىلىككە كىلاسسىك ئەسەر ‹‹ئۈچ خەتلىك دەستۇر››نى دۆلەت تىلىدا راۋان يادلاپ بەردى، ئۇنىڭ ئۆلچەملىك پۇتۇڭخۇا تەلەپپۇزى ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  يېڭى ئۈستەل – ئورۇندۇق، ھەر خىل ئويۇنچۇق، ئوقۇش قوراللىرى، ھەقسىز ‹‹ئىككى ۋاق تاماق، بىر ۋاق پىرەنىك››... يىلاكۇ كەنتى ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىنىڭ شارائىتى شەھەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. راھىلەنىڭ ئانىسى رەيھانگۈل پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تىلغا ئېلىپ ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: بالام يەسلىدە ئۆيدىكىدىن ياخشى ئوزۇقلىنىۋاتىدۇ، دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ، پۇتۇڭخۇانىمۇ ياخشى سۆزلىيەلەيدىغان بولدى، كەلگۈسىدە چوقۇم ياراملىق ئادەم بولىدۇ. باش شۇجى سۆزىدە ‹‹خەلق›› دېگەن سۆزنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى، بىز بۇنىڭدىن ھەقىقىي نەپ ئالغانلار.

  خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى خەلق تۇرمۇشى دېگەن ‹‹كوردىنات››تا ئىپادىلەندى، بۇنى كونكرېت ھەرىكەتكە تايىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹بالىلار يەسلىدە تەربىيەلىنەلەيدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيى يوقلارنىڭ ئۆيى بولۇش، ئاجىزلار يار – يۆلەككە ئېرىشەلەيدىغان بولۇش›› تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، تەرەققىيات جەريانىدا خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلىدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلارغا ‹‹بىرگە بىر›› ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇپ، ئائىلىسىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق نامرات ئائىلىلەردىن ئاز دېگەندىمۇ بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

  ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ساغلاملىق بويىچە نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشى <ئۈچ بىر تۈركۈم> ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى››دىن چوڭ كېسەلگە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان نامراتلار نەپكە ئېرىشىپ، كېسەل بولۇپ قالسا داۋالىنىپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى.

  ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا 6 مىليون 920 مىڭ ئادەم (قېتىم) ياردەم بېرىلىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش تولۇق قاپلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ‹‹بىرمۇ بالىنىڭ ئائىلىسىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئوقۇشسىز قېلىشىغا يول قويماسلىق›› دېگەن تەنتەنلىك ۋەدىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

  ‹‹تاماق قاچىسى›› كۆپەيدى، ‹‹كەمتۈكلۈك›› ئازلىدى، ‹‹تۆۋەن چەك›› كاپالەتلەندۈرۈلدى... يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە قوللىشى نەتىجىسىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ ھەممە يېرىدە ھەر مىللەت خەلق گۈزەل تۇرمۇشقا ئاتلىنىپ، بەختلىك تۇرمۇشنىڭ كارتىنىسى نامايان بولماقتا.

  خەلق تۇرمۇشىدىكى گۈزەل مەنزىرە ــــ

خەلق تۇرمۇشى يىلدىن – يىلغا ياخشىلانماقتا

  يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇش بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت باش شۇجى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىغا بەرگەن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى›› دېگەندىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھۆكۈمنى چىڭ ئىگىلەپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئىنتىلىشىگە ماسلىشىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلق تۇرمۇشى سەۋىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشنىڭ سىگنالىنى ياڭراتتى.

  خەلق تېخىمۇ ياخشى مائارىپنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ مۇستەھكەملەپ، ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەر بىر بالىنى مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان، ياخشى مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان شارائىتقا ئىگە قىلىپ، ئادىل ۋە سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلدى.

  خەلق تېخىمۇ مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز 2018 – يىلى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئۈچ يىللىق يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇپ، دىققىتىنى ئېغىر نامرات ناھىيە (شەھەر)لەردىكى ئارخىپ ۋە كارتا تۇرغۇزۇلغان ئائىلىلەردىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بار، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ئەمگەكچىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا 100 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى، بۇنىڭ ئىچىدە 2018 – يىلى 40 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭۋۇ مۇنداق دېدى: بىز چوقۇم يېزا، كەنت، ئائىلە، ئادەمگىچە دەل جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرىمىز.

  خەلق تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئۆلكە ھالقىپ داۋالىنىش، دوختۇرخانىدا يېتىش خىراجىتىنى باشقا جايدا بىۋاسىتە راسچوت قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئالاقە تورى+ئىجتىمائىي كاپالەت›› خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەت تەرتىپىنى ياخشىلاپ، مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ‹‹ئامما قاتراش››نى ‹‹ئۇچۇر قاتراش››قا ئۆزگەرتتى.

   خەلق تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش – سەھىيە مۇلازىمىتى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى پائال يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش – سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى كېسىلىنى كۆرسىتەلەيدىغان، كېسىلىنى داۋالىتالايدىغان، كېسىلىنى ياخشى داۋالىتىدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى.

   ئاپتونوم رايونىمىز ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىش قىلىپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلىدى. ئاز – ئازدىن پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلگەن خەلق تۇرمۇشى تەدبىرلىرى پۇقرالارنىڭ گۈزەل ئارزۇلىرىنى قەدەممۇ قەدەم ھەقىقىي رېئاللىققا ئايلاندۇردى.

   يېڭى دەۋردە، باھار دولقۇنى مەۋج ئۇرماقتا؛ يېڭى سەپەردە پۇختا قەدەم تاشلانماقتا. پۈتۈن شىنجاڭدىكى 20 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۇرمۇشى جەزمەن يىلدىن – يىلغا تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى