تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات

  2018– يىل 3– ئاينىڭ 13–كۈنى 13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1– يىغىنىدا بېرىلگەن

  دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ

  ۋەكىللەر:

  مەن گوۋۇيۈەننىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن، پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنى ماقۇللىغان ‹‹پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى››گە ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى توغرىسىدا يىغىنغا ئىزاھات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمەن.

  پارتىيەنىڭ 19 – قۇرۇلتىيىدا ئاپپارات ۋە مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنىپ، تۈرلۈك ئاپپاراتلارنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە ئىچكى ئاپپاراتلارنىڭ ھوقۇقىنى ئىلمىي تەقسىملەش، مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى. پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى›› ۋە ‹‹پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى›› ماقۇللاندى. بۇ قېتىمقى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئومۇمىي روھىدا، توغرا ئىسلاھات يۆنىلىشىدە، خەلقنى مەركەز قىلىشتا، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى يېتەكچى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ياخشىلاش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئاپپاراتلارنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ئىسلاھ قىلىپ، فۇنكسىيەنىڭ تەقسىملىنىشىنى ياخشىلاپ، فۇنكسىيەنى، شەكىلنى، ئىستىلنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈنۈم – ئىقتىدارنى ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش.

  ‹‹پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى››دە پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلات ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ــــ ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر ۋەزىپە. ئومۇمىي ئوي – پىكىر ــــ ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى نەزەردە تۇتۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشى، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىللەتلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادنى تەڭشەش، بازارنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش، جەمئىيەتنى باشقۇرۇش، جامائەت مۇلازىمىتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى شارائىتى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئاپپاراتلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى ياخشىلاش ۋە تەڭشەشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېنىق بولغان، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزىدىغان ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەلق رازى بولغان مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇش كېرەك.

  گوۋۇيۈەننىڭ بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ كونكرېت لايىھەسى تۆۋەندىكىچە.

  1. گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى تارماقلارنى تەڭشەش توغرىسىدا

  (1) تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى قۇرۇلىدۇ. ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىگە ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى، بارلىق زېمىن بوشلۇقىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش – ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى بىرتۇتاش ئادا قىلىش، تەبىئىي بايلىققا ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئەمەلىيلەشمەسلىك، بوشلۇق يىرىك پىلانى تەكرارلىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش، تاغ – دەريا، ئورمان، ئېتىز – ئېرىق، كۆل، ئوتلاقلارنى ئومۇميۈزلۈك قوغداش، سىستېمىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلار يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىش مەسئۇلىيىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ شەھەر – يېزا يىرىك پىلانىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ سۇ بايلىقىنى تەكشۈرۈش ۋە ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتلاق بايلىقىنى تەكشۈرۈش ۋە ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئورمان، سۇلۇق يەر قاتارلىق بايلىقنى تەكشۈرۈش ۋە ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، دۆلەت دېڭىز – ئوكيان ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى، دۆلەت ئۆلچەش – سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى قۇرۇلۇپ، گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى تارماق بولىدۇ. تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى سىرتقا دۆلەت دېڭىز – ئوكيان ئىدارىسى دېگەن ۋىۋىسكىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ــــ تەبىئىي بايلىق ئېچىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قوغداشنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش، بوشلۇق يىرىك پىلانى سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش، ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى تۈرلۈك تەبىئىي بايلىق مۈلكىگە ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، بىرتۇتاش تەكشۈرۈش ۋە ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش، تەبىئىي بايلىقنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، ئۆلچەش – سىزىش ۋە گېئولوگىيەلىك چارلاش كەسپىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش، ۋەھاكازالار.

  زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، دۆلەت دېڭىز – ئوكيان ئىدارىسى، دۆلەت ئۆلچەش – سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر ئىدارىسى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.

  (2) ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى قۇرۇلىدۇ. مۇھىتنى ئاسراش ـــــ دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ دۆلەت سىياسىتى. تارقاق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە ۋە شەھەر – يېزىلاردىكى ھەر خىل بۇلغىما چىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەم مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى مەسئۇلىيىتىنى بىرتۇتاش ئادا قىلىش، مۇھىت بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن، لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ھازىرلىق كۆرۈش ۋە بۇلغىما ئازايتىش مەسئۇلىيىتى، زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ يەر ئاستى سۈيى بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ سۇ فۇنكسىيە رايونىنى ئايرىش پىلانىنى تۈزۈش، بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى ئېچىشنى باشقۇرۇش، ۋادى سۇ مۇھىتىنى ئاسراش مەسئۇلىيىتى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى نازارەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى، دۆلەت دېڭىز – ئوكيان ئىدارىسىنىڭ دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش مەسئۇلىيىتى، گوۋۇيۈەننىڭ جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش تۈرى قۇرۇلۇش رايونىنىڭ مۇھىتىنى ئاسراش مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى قۇرۇلۇپ، گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى تارماق بولىدۇ. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى سىرتقا دۆلەت يادرو بىخەتەرلىكى ئىدارىسى دېگەن ۋىۋىسكىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ــــ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىياسىتى، يىرىك پىلانى ھەم ئۆلچىمىنى تۈزۈش ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆزىتىش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىگە بىرتۇتاش مەسئۇل بولۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، يادرو ۋە رادىياتسىيە بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراش تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرۇش، ۋەھاكازالار.

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.

  (3) يېزا ئىگىلىكى – يېزا مىنىستىرلىقى قۇرۇلىدۇ. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسى ـــــ دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلە. يېزا ئىگىلىكى، يېزىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى بىرتۇتاش يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، يېزىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشى، دېھقانلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاج تېپىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەمدە دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مەبلەغ سېلىشقا ئالاقىدار تۈرلىرىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ يېزا ئىگىلىكى – يېزا مىنىستىرلىقى قۇرۇلۇپ، گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى تارماق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ـــــ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى ئىستراتېگىيەسى، يىرىك پىلانى ۋە سىياسىتىنى بىرتۇتاش تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىش، تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش، يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش، ۋەھاكازالار.

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بېلىقچىلىق كېمىلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى قاتناش – تىرانسپورت مىنىستىرلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.

  (4) مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى قۇرۇلىدۇ. مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ ۋە نامايان قىلىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى، مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىياتى ۋە ساياھەت بايلىقىنى ئېچىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى ئاشۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى، مەدەنىيەت كەسپى ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى قۇرۇلۇپ، گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى تارماق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ــــ پارتىيەنىڭ تەشۋىقات – مەدەنىيەت خىزمىتى فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت خىزمىتى سىياسەت – تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈش، مەدەنىيەت ئىشلىرى، مەدەنىيەت كەسپى، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، مەدەنىيەت بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، قېزىش ۋە قوغداش خىزمىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىش، ساياھەت بازىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك مەدەنىيەت بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قوغداش، تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، ۋەھاكازالار.

  مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.

  (5) دۆلەت سەھىيە – ساغلاملىق كومىتېتى قۇرۇلىدۇ. خەلقنىڭ ساغلاملىقى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مۇھىم بەلگىسى. ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، چوڭ تازىلىق، چوڭ ساغلاملىق قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، كېسەل داۋالاشنى مەركەز قىلىشنى خەلق ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشقا ئۆزگەرتىپ، ئېغىر كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈپ، ياشانغانلار ئىشلىرى ۋە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، خەلققە ساغلاملىق بويىچە ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ باشلامچىلىقىدا ‹‹تاماكا تىزگىنلەش رامكا ئەھدىنامىسى››نى ئادا قىلىش خىزمەت مەسئۇلىيىتى، دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ كەسىپ بىخەتەرلىكى – ساغلاملىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت سەھىيە – ساغلاملىق كومىتېتى قۇرۇلۇپ، گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى تارماق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ــــ خەلق ساغلاملىقى سىياسىتىنى تۈزۈش، تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش، دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى ئورنىتىشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىش، جامائەت تازىلىقى، داۋالاش مۇلازىمىتى، ساغلاملىق بويىچە جىددىي بىر تەرەپ قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، پىلانلىق تۇغۇتنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش، ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ھازىرلىق كۆرۈش، داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشكە دائىر سىياسەت – تەدبىرلەرنى تۈزۈش، ۋەھاكازالار.

  مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى ساقلاپ قېلىنىدۇ، كۈندىلىك خىزمەتنى دۆلەت سەھىيە – ساغلاملىق كومىتېتى ئۈستىگە ئالىدۇ. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ كەلگەن جۇڭگو ياشانغانلار جەمئىيىتىنى دۆلەت سەھىيە – ساغلاملىق كومىتېتى ۋاكالىتەن باشقۇرىدۇ. دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى – دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنى دۆلەت سەھىيە – ساغلاملىق كومىتېتى باشقۇرىدۇ.

  دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ساقلاپ قېلىنمايدۇ. گوۋۇيۈەن تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تەسىس قىلىنمايدۇ.

  (6) سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قۇرۇلىدۇ. ھەربىيلەرنىڭ ۋە ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مۇلازىمىتى كاپالەت سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى باشقۇرۇشنىڭ مەركەزلەشكەن، بىرلىككە كەلگەن، مەسئۇلىيىتى ئېنىق بولغان كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەربىيلىكنى پۈتكۈل جەمئىيەت ھۆرمەت قىلىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە نەپىقە بېرىش – ئورۇنلاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ كەسىپ ئالماشتۇرغان ئوفىتسېرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، ئارقا سەپ كاپالەت بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قۇرۇلۇپ، گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى تارماق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ــــ سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتى، باشقۇرۇش – كاپالەت خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرگە دائىر سىياسەت، نىزام تۈزۈش ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىش، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ پارتىيە، دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ، تۆھپە قوشىدىغان روھىي قىياپىتى ۋە قىممەت يۆنىلىشىنى تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش ۋە نامايان قىلىش، ئارمىيەدىن كەسىپ ئالماشقان كادىرلار، ھەربىي سەپتىن بوشانغان كادىرلار، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ۋە ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاپ سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش، تەمىنات كاپالىتى خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى تەربىيەلەش – يېتىشتۈرۈش، ئېتىبار – نەپىقە بېرىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىش، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش – ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئېتىبار بېرىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە شەرەپ مۇكاپاتى بېرىش، ھەربىيلەر قەبرىستانلىقىنى ئاسراش ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە مەسئۇل بولۇش، ۋەھاكازالار.

  (7) جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قۇرۇلىدۇ. دۆلىتىمىز ــــ ئاپەت كۆپ، تەكرار يۈز بېرىدىغان دۆلەت، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك خەۋپ – خەتىرىدىن ساقلىنىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جامائەت بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇشنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش كۈچى بىلەن بايلىقى بىرلەشتۈرۈلگەن ۋە ياخشىلانغان، بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىنىدىغان، مەخسۇس خىزمەت ۋە دائىملىق خىزمەت تەڭ تۇتۇلغان، ئىنكاسى چاققان، يۇقىرى – تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان، تىنچلىق مەزگىلى بىلەن ئۇرۇش مەزگىلى بىرلەشتۈرۈلگەن جۇڭگوچە تۈزۈلمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش – ئاپەتنىڭ زىيىنىنى يېنىكلىتىش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئوت مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتى، زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ گېئولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ سۇ – قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتلاقتا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئورماندا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشكە ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى، جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتى ۋە دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش باش قوماندانلىق ئىشتابى، دۆلەت ئاپەت زىيىنىنى يېنىكلىتىش كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى، دۆلەت ئورماندا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قۇرۇلۇپ، گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى تارماق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ــــ دۆلەتنىڭ جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسى ۋە يىرىك پىلانىنىڭ تۈزۈلۈشىگە تەشكىلاتچىلىق قىلىش، جايلار، تارماقلارنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش لايىھە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە لايىھە مانېۋىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئاپەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە ئاپەت ئەھۋالىنى بىرتۇتاش ئېلان قىلىش، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش كۈچى قۇرۇلۇشى ۋە ئەشيا زاپىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ھەم ئاپەتتىن قۇتقۇزغاندا بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاپەت زىيىنىدىن قۇتقۇزۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تەشكىللەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، تەبىئىي ئاپەت تۈرىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ئېغىر ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىش. ئوت ئاپىتى، سۇ – قۇرغاقچىلىق ئاپىتى، گېئولوگىيەلىك ئاپەت قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ۋە زاۋۇت، كان، سودا كەسىپلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش، ۋەھاكازالار.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە قىسىمى، قوراللىق ساقچى ئورمان قىسىمى تۈزۈلمىسى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش قوشۇنى بىلەن بىرلىكتە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۇنىۋېرسال دائىمىي غوللۇق كۈچى سۈپىتىدە، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ، مەخسۇس باشقۇرۇش ۋە سىياسەت كاپالىتى يولغا قويۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ۋەزىپە – دەرىجە تەرتىپى ۋە باشقۇرۇش چارىسى تۈزۈلۈپ، كەسىپ شەرەپ تۇيغۇسى ئاشۇرۇلۇپ، جانلىق كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقى ساقلىنىدۇ.

  ئىزاھلاپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئادەتتىكى ئاپەتكە جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدۇ، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى مەركەزگە ۋاكالىتەن بىرتۇتاش ئاۋاز قوشۇپ ياردەم بېرىدۇ؛ ئالاھىدە ئېغىر ئاپەت يۈز بەرگەندە، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قوماندانلىق ئىشتابى سۈپىتىدە مەركەز بېكىتكەن مەسئۇل يولداشقا ماسلىشىپ، جىددىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە تەشكىلاتچىلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت پەرمانىنىڭ راۋانلىقى، قوماندانلىقىنىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش بىلەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋە جايلارنىڭ ئۆز مەسئۇلىيەت تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەڭكەشلىك – ماسلىق مېخانىزمى بەرپا قىلىدۇ.

  جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسى، دۆلەت كۆمۈركان بىخەتەرلىكى تەپتىشلىك ئىدارىسىنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ زىچلىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئايرىپ بېرىلىدۇ.

  دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.

  (8) پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى يېڭىباشتىن قۇرۇلىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش ـــــ تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى. دۆلەتنى پەن – مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىلىكىدىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن – تېخنىكا بايلىقىنى ياخشى تەقسىملەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىجادكار پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى، دۆلەت چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى يېڭىباشتىن قۇرۇلۇپ، گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى تارماق بولىدۇ. پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى دۆلەتنىڭ تەبىئىي پەن فوندى كومىتېتىنى باشقۇرىدۇ، سىرتقا دۆلەت چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىدارىسى دېگەن ۋىۋىسكىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ــــ دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىلىكىدىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى، شۇنداقلا پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى، ئۇل تەتقىقات يىرىك پىلانى ۋە سىياسىتىنى تۈزۈش ھەم ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىش، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش، دۆلەتنىڭ چوڭ ئۇل تەتقىقاتى ۋە قوللىنىشچان ئۇل تەتقىقاتىنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىش، دۆلەتنىڭ چوڭ پەن – تېخنىكا تۈر يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ھەم ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش، بىرلىككە كەلگەن دۆلەت پەن – تېخنىكا باشقۇرۇش سۇپىسى ۋە پەن تەتقىقات تۈر مەبلىغىنى ماسلاشتۇرۇش، باھالاش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى باشلامچى بولۇپ بەرپا قىلىش، چەت ئەلنىڭ ئەقلىي كۈچىنى كىرگۈزۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش، ۋەھاكازالار.

  (9) ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يېڭىباشتىن قۇرۇلىدۇ. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ــــ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئىنقىلاب. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي قانۇن چىقىرىش، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىق يولىغا سېلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يېڭىباشتىن قۇرۇلۇپ، گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى تارماق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ــــ ئالاقىدار قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارنىڭ لايىھەسىنى تەييارلاشقا مەسئۇل بولۇش، قانۇن چىقىرىشنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئەنگە ئېلىش – تەكشۈرۈش، چۈشەندۈرۈشكە مەسئۇل بولۇش، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش، مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىپ جاۋاب بېرىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىغا مەسئۇل بولۇش، تۈرمە، زەھەر تاشلاتقۇزۇش، مەھەللە تۈزەشنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش، ئادۋوكاتلىق گۇۋاھلىق ۋە ئەدلىيەلىك باھالاش، كېسىمنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش، دۆلەتنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش، ۋەھاكازالار.

  گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.

  (10) سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى ياخشىلىنىدۇ. سەنشيا ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنىڭ تاماملانغانلىقى، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش شەرقىي لىنىيەسى ۋە ئوتتۇرا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكەنلىكى نەزەردە تۇتۇلۇپ، لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: گوۋۇيۈەن سەنشيا قۇرۇلۇشى كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەننىڭ جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشى كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ ئىشخانىسى سۇچىلىق مىنىستىرلىقىغا قوشۇۋېتىلىدۇ.

  گوۋۇيۈەن سەنشيا قۇرۇلۇشى كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەننىڭ جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشى كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ ئىشخانىسى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.

  (11) ئىقتىسادىي تەپتىشلىك باش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى ياخشىلىنىدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىشلىكنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك – نازارەتچىلىك ھوقۇقىنىڭ قانۇن بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزۈلۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ـــــ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئىقتىسادىي تەپتىشلىكنىڭ نازارەتچىلىك كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنىڭ گىرەلىشىپ تارقاقلىشىپ كېتىشىنى ئازايتىپ، تەكرار تەكشۈرۈش ۋە نازارەتسىز جاي قېلىشتىن ساقلىنىپ، نازارەتچىلىك ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ چوڭ تۈرلەرنى تەكشۈرۈش، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەركەز خامچوتىنىڭ ئىجرا ئەھۋالى ۋە باشقا مالىيە كىرىم – چىقىم ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ۋە نۇقتىلىق، چوڭ دۆلەت كارخانىلىرى نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىقتىسادىي تەپتىش باش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، سىرتقا ئەۋەتىلگەن ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ – ياخشىلاپ، بىرلىككە كەلگەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي تەپتىش – نازارەتچىلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش باش مەھكىمىسى دۆلەت مالىيە كىرىم – چىقىمى ۋە قانۇن – نىزاملاردا ئىقتىسادىي تەپتىش – نازارەتچىلىك دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن مالىيە – كىرىم چىقىمىنىڭ راستلىقى، قانۇنلۇقلۇقى ۋە ئۈنۈمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

  ئىزاھلاپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يېرى شۇكى، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى قۇرۇلىدۇ. شۇڭا مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى، دۆلەت چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىنى ساقلاپ قالماسلىق، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى، دۆلەت چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىنى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىغا قوشۇۋېتىش ئېنىق بەلگىلەندى.

  ۋەكىللەر، يۇقىرىقى لايىھە بويىچە، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى – يېزا مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە – ساغلاملىق كومىتېتى، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك باش مەھكىمىسى يېڭىدىن قۇرۇلىدۇ ياكى يېڭىباشتىن قۇرۇلىدۇ؛ مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى، زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ساقلاپ قېلىنمايدۇ؛ گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىدىن باشقا، گوۋۇيۈەننىڭ تەركىبىدە 26 تارماق تەسىس قىلىنىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بۇ ئاپپاراتلارنىڭ تەڭشىلىشى ۋە تەسىس قىلىنىشىنى يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىنى سورايمەن.

  2.گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئاپپاراتلىرىنى تەڭشەش توغرىسىدا

  (1) دۆلەت بازار نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قۇرۇلىدۇ. بازار نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، بازارنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ــــ بىرتۇتاش، ئوچۇق، رىقابەتلىك، تەرتىپلىك، زامانىۋى بازار سىستېمىسى ئورنىتىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. بازار نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سەمىمىي، ئىناۋەتلىك ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتىنى يارىتىپ، بازار نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشنىڭ ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجراسىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، مەھسۇلات سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ خاتىرجەم سېتىۋېلىشى، شەكسىز ئىشلىتىشى ۋە شەكسىز ئىستېمال قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى، دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىكى، پىرىيوم – كارانتىن باش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى، دۆلەت يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ باھا نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش ۋە مونوپولغا قارشى تۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تىجارەتچىلەرنىڭ يىغىلىپ مونوپولغا قارشى تۇرۇشى بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە گوۋۇيۈەن مونوپولغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى قاتارلىقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت بازار نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قۇرۇلۇپ، گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپارات بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ــــ بازارنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ، بازار سۇبيېكتىنى بىرتۇتاش تىزىملاش ھەم ئۇچۇر ئېلان قىلىش ۋە تەڭ بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش، بازارنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش بويىچە ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىگە تەشكىلاتچىلىق قىلىش، مونوپولغا قارشى بىرتۇتاش قانۇن ئىجرا قىلىش، بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، سۈپەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىپ، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش، ئۆلچەش ئۆلچىمى، پىرىيوم قىلىش – ئۆلچەش، ئىسپاتلاش – ئېتىراپ قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش، ۋەھاكازالار.

  دورا نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشتىكى ئالاھىدىلىك كۆزدە تۇتۇلۇپ، دۆلەت بازار نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا مۇستەقىل دۆلەت دورا نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلىدۇ. بازار نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشتا دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، دورا نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئۆلكە دەرىجىلىككىچە تەسىس قىلىنىدۇ، دورا تىجارىتى قىلىش، سېتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى شەھەر، ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش تارماقلىرى بىرتۇتاش ئۈستىگە ئالىدۇ.

  دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىكى، پىرىيوم – كارانتىن باش ئىدارىسىنىڭ چېگرا پىرىيوم – كارانتىن مەسئۇلىيىتى ۋە قوشۇنى تاموژنا باش مەھكىمىسىگە قوشۇۋېتىلىدۇ. گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن مونوپولغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى ساقلاپ قېلىنىدۇ، كونكرېت خىزمەتنى دۆلەت بازار نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئۈستىگە ئالىدۇ. دۆلەت ئىسپات – ئېتىراپنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش كومىتېتى، دۆلەت ئۆلچەملەشتۈرۈشنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتى دۆلەت بازار نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش باش ئىدارىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، سىرتقا ۋىۋىسكىسى ساقلاپ قېلىنىدۇ.

  دۆلەت سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىكى ۋە پىرىيوم – كارانتىن باش ئىدارىسى، دۆلەت يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.

  (2) دۆلەت رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قۇرۇلىدۇ. ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتى ۋە مۇھىم تەشۋىقات بازىسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رادىيو – تېلېۋىزىيە تاراتقۇلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت ئاخبارات – نەشرىيات، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ رادىيو – تېلېۋىزىيە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ئاساسىدا دۆلەت رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قۇرۇلۇپ، گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپارات بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ـــــ پارتىيەنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىدىكى فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، رادىيو – تېلېۋىزىيەنى باشقۇرۇشقا دائىر سىياسەت – تەدبىرلەرنى تۈزۈش ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىشلىرى ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، رادىيو – تېلېۋىزىيە ساھەسىنىڭ تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش، رادىيو – تېلېۋىزىيە ۋە تور ئۈن – سىن پىروگراممىلىرىنىڭ مەزمۇنى ھەم سۈپىتىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش، تەكشۈرۈش، رادىيو – تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى ئىمپورت قىلىش، ئۈنئالغۇغا ئېلىش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش، رادىيو – تېلېۋىزىيە ساھەسىنىڭ ‹‹چىقىرىش›› خىزمىتىگە تەڭكەش تۈرتكە بولۇش، ۋەھاكازالار.

  دۆلەت ئاخبارات – نەشرىيات، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.

  (3) جۇڭگو بانكا – سۇغۇرتا نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلىدۇ. پۇل مۇئامىلە ــــ زامانىۋى ئىگىلىكنىڭ يادروسى، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى كونترول قىلىپ، دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش شەرت. پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تۈزۈلمىدە ساقلانغان نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ئېنىق بولماسلىق، گىرەلەشمە نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلماسلىق، باشقۇرماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش بايلىقىنى تەقسىملەشنى ياخشىلاپ، سىستېمىلىق، مۇھىم پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە ئالاھىدىلىكىگە ۋە بىرتۇتاش تەڭكەش نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشقا ئۇيغۇن بولغان، كۈچلۈك ھەم ئۈنۈملۈك زامانىۋى پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش رامكىسىنى پەيدىنپەي بەرپا قىلىپ، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرى يۈز بەرمەسلىكنىڭ تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇڭگو بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە جۇڭگو سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، جۇڭگو بانكا – سۇغۇرتا نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلۇپ، گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ـــــ بانكىچىلىق ۋە سۇغۇرتىچىلىقنى قانۇن – نىزام بويىچە بىرتۇتاش نازارەت قىلىپ ۋە باشقۇرۇپ، بانكىچىلىق بىلەن سۇغۇرتىچىلىقنىڭ قانۇنلۇق، مۇقىم يۈرۈشۈشىنى قوغداپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىدىن ساقلىنىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئىستېمالچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى ساقلاش.

  جۇڭگو بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن جۇڭگو سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ بانكىچىلىق، سۇغۇرتىچىلىققا ئالاقىدار مۇھىم قانۇن – نىزام لايىھەسىنى تۈزۈش ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئاساسىي تۈزۈمىنى تۈزۈش مەسئۇلىيىتى جۇڭگو خەلق بانكىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  جۇڭگو بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگو سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش كومىتېتى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.

  (4) دۆلەت خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىق مەھكىمىسى قۇرۇلىدۇ. تاشقى ياردەمنىڭ چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىگە خاس مۇھىم ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تاشقى ياردەمنى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تاشقى ياردەم خىزمىتىنىڭ بىرتۇتاش باشقۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تاشقى ياردەم ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىقلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تاشقى ياردەم خىزمىتىگە ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تاشقى ياردەمنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىق مەھكىمىسى قۇرۇلۇپ، گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپارات بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ـــ تاشقى ياردەمگە دائىر ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېن، يىرىك پىلان، سىياسەت تۈزۈپ، تاشقى ياردەمگە ئالاقىدار چوڭ مەسىلىلەردە بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش ھەم تەكلىپ بېرىش، تاشقى ياردەم ئۇسۇلىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تاشقى ياردەم لايىھەسى ۋە پىلانىنى تۈزۈش، تاشقى ياردەم تۈرىنى بېكىتىش ھەم ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، باھالاش، ۋەھاكازالار. تاشقى ياردەمنى كونكرېت ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى يەنىلا ئالاقىدار تارماقلار ئىش تەقسىماتى بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

  (5) دۆلەت داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى قۇرۇلىدۇ. شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالىنىش كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنىڭ مۇۋاپىق ئىشلىتىلىشىگە، بىخەتەر، كونترول قىلغىلى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تېببىي دورا توغرىسىدىكى ھەمتۈرتكە ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، كېسىلى بارلارنىڭ داۋالىنىشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ شەھەر – بازار ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋە شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى مەسئۇلىيىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش مەسئۇلىيىتى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ دورا، داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ داۋالاش بويىچە ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى قۇرۇلۇپ، گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپارات بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ــــ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى، داۋالاش جەھەتتە ياردەم بېرىش قاتارلىق داۋالاش كاپالىتى تۈزۈمى توغرىسىدا سىياسەت، يىرىك پىلان، ئۆلچەم تۈزۈپ ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىپ، ئالاقىدار داۋالاش كاپالەت فوندىنى نازارەت قىلىپ – باشقۇرۇپ، دۆلەتنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىشنى باشقۇرۇش ۋە خىراجەتنى راسچوت قىلىش سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دورا، داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى ۋە ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى بېكىتىش ۋە تەڭشەشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىپ، دورا ۋە تېببىي سەرپىيات ماتېرىياللىرىنى خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش سىياسىتى بېكىتىش ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىدار مۇلازىمەت ھەرىكىتى ۋە داۋالاش خىراجىتىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش، ۋەھاكازالار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنى ئېلىش ۋە باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى ھەققىنى باج تارماقلىرى بىرتۇتاش ئالىدۇ.

  (6) دۆلەت ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپىسى ئىدارىسى قۇرۇلىدۇ. دۆلەت زاپىسىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلىنىشىنى كۈچەيتىپ، بىرلىككە كەلگەن دۆلەت ئەشيا زاپىسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مەركەزنىڭ زاپاس ئاشلىق – پاختىنى نازارەت قىلىشى – باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت زاپىسىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەشياسىنى يىغىپ ساقلاش، ئالماشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇش، دۆلەت ئاشلىق، پاختا ۋە شېكەر زاپىسىنى باشقۇرۇشنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىش قاتارلىق مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋە جىددىي زاپاس ئەشيالىرىنى يىغىپ ساقلاش، ئالماشتۇرۇش ۋە كۈندىلىك باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپىسى ئىدارىسى قۇرۇلىدۇ، ئۇ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ــــ دۆلەت زاپىسى ئومۇمىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە سورت مۇندەرىجىسىگە ئاساسەن، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋە جىددىي زاپاس ئەشيالىرىنى يىغىپ ساقلاش، ئالماشتۇرۇش، باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىپ، زاپاس ساقلاش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇلۇشىغا بىرتۇتاش مەسئۇل بولۇش، باشقۇرۇلۇۋاتقان ھۆكۈمەت زاپىسى، كارخانا زاپىسى ۋە زاپاس ساقلاش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، ئاشلىق ئوبوروت ساھەسىنى باشقۇرۇش ۋە مەركەزنىڭ زاپاس ئاشلىقى، پاختىسىنى مەمۇرىي جەھەتتىن باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش، ۋەھاكازالار.

  دۆلەت ئاشلىق ئىدارىسى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.

  (7) دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ تېخىمۇ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگوغا كېلىپ ئىشلەيدىغان، ياشايدىغان چەت ئەللىكلەر ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇ، كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېڭى تەلەپ قويدى. كۆچمەنلەرنى ۋە چېگرادىن چىقىش – كىرىشنى باشقۇرۇشنى بىرتۇتاش كۈچەيتىپ، كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ بىرىكمە كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ چېگرادىن چىقىش – كىرىشنى باشقۇرۇش، چېگرا مۇداپىئەسىنى تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ۋىزا باشقۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلىدۇ، ئۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ــــ كۆچمەنلەر سىياسىتى تۈزۈش ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىشنى ماسلاشتۇرۇش، چېگرادىن چىقىش – كىرىشنى باشقۇرۇشقا، پورتتا گۇۋاھنامە تەكشۈرۈش ۋە چېگرا ئاھالىسىنىڭ بېرىش – كېلىشىنى باشقۇرۇشقا، چەت ئەللىكلەرنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇش ۋە مەڭگۈلۈك تۇرۇشىنى باشقۇرۇشقا، مۇساپىرلارنى باشقۇرۇشقا، دۆلەت تەۋەلىكىنى باشقۇرۇشقا، باشلامچىلىق بىلەن ‹‹ئۈچ قانۇنسىز›› چەت ئەللىكلەرنى ئىدارە قىلىش ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇۋېتىشكە، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ شەخسىي ئىش بىلەن چەت ئەلگە چىقىش – كىرىش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش، كۆچمەنلەر ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش، ۋەھاكازالار.

  (8) دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسى قۇرۇلىدۇ. ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەرنى بىرتۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تەبىئىي مۇھاپىزەت سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتلاقنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، دۆلەت دېڭىز – ئوكيان ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، داڭلىق مەنزىرە رايونى، تەبىئىي مىراس، گېئولوگىيە باغچىسى قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسى قۇرۇلىدۇ، ئۇ تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسىگە دۆلەت باغچىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى دېگەن ۋىۋىسكا قوشۇپ ئېسىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ــــ ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، چۆلدە ۋە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋان – ئۆسۈملۈك بايلىقىنى ئېچىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قوغداشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىپ، ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، دۆلەت باغچىسى قاتارلىق تۈرلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان يەرلەرنى باشقۇرۇش، ۋەھاكازالار.

  دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.

  (9) دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى يېڭىباشتىن قۇرۇلىدۇ. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يارىتىش، قوغداش، ئىشلىتىش ــــ ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. تاۋار ماركىسى، پاتنېتنى ئايرىم – ئايرىم باشقۇرۇش ۋە تەكرار قانۇن ئىجرا قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى، دۆلەت سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىكى ۋە پىرىيوم – كارانتىن باش ئىدارىسىنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاي جۇغراپىيەلىك بەلگىسىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى يېڭىباشتىن قۇرۇلىدۇ، ئۇ دۆلەت بازار نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ــــ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، تاۋار ماركىسى، پاتېنت، ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاي جۇغراپىيەلىك بەلگىسىنى تىزىملاپ رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋە مەمۇرىي كېسىم قىلىشقا مەسئۇل بولۇش، تاۋار ماركىسى، پاتېنتقا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ۋەھاكازالار. تاۋار ماركىسى، پاتېنتقا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتى بازار نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش بويىچە ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  (10) مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى كېڭىشىنىڭ تەۋەلىك مۇناسىۋىتى تەڭشىلىدۇ. ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋەزىپە بىلەن مەسئۇلىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، فوند بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنىڭ قىممىتىنى ساقلاش، ئاشۇرۇش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى كېڭىشىنى گوۋۇيۈەن باشقۇرۇشتىن مالىيە مىنىستىرلىقى باشقۇرۇشقا تەڭشىلىدۇ، مالىيە مىنىستىرلىقى فوند بىخەتەرلىكى ۋە ئۇنىڭ قىممىتىنى ساقلاش، ئاشۇرۇشنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، فوند سېلىنما تىجارەت ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ مەمۇرىي دەرىجىسى بېكىتىلمەيدۇ.

  (11) دۆلەت بېجى، يەرلىك باج ئېلىش – باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھ قىلىنىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن دۆلەت بېجى، يەرلىك باج ئاپپاراتى قوشۇۋېتىلىپ، قاراشلىق رايوننىڭ تۈرلۈك باج كىرىمى ۋە باجدىن باشقا كىرىمىنى يىغىش – باشقۇرۇش قاتارلىق مەسئۇلىيەتنى كونكرېت ئۈستىگە ئالىدۇ. دۆلەت بېجى، يەرلىك باج ئاپپاراتلىرى قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىن، دۆلەت باج باش ئىدارىسى ئاساس قىلىنىپ، ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن قوش رەھبەرلىك قىلىدىغان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، ۋەزىيەت تەرەققىياتى ۋە خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ باشقا بىرقىسىم ئاپپاراتلىرىمۇ تەڭشەلدى.

  ۋەكىللەر، يۇقىرىقى لايىھە بويىچە دۆلەت بازار نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت دورا نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئىدارىسى، دۆلەت رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، جۇڭگو بانكا، سۇغۇرتا نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش كومىتېتى، دۆلەت خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىق مەھكىمىسى، دۆلەت داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى، دۆلەت ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپىسى ئىدارىسى، دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسى، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى قاتارلىقلار قۇرۇلدى ياكى يېڭىباشتىن قۇرۇلدى. گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، گوۋۇيۈەننىڭ تەركىبىدىكى تارماقلاردىن باشقا گوۋۇيۈەنگە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ تەڭشىلىشى ۋە تەسىس قىلىنىشىنى يېڭىدىن تەشكىللەنگەن گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ.

  ئومۇمەن، بۇ قېتىمقى گوۋۇيۈەن ئاپپارات ئىسلاھاتىدا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە لايىقلىشىپ، دىققەتنى تەرەققىيات ئېھتىياجى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئارزۇسى، خەلق رايىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ياخشىلاش، ماسلاشتۇرۇش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەلگۈسى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ھازىرقى ئىشلار ياخشى ئىشلىنىپ، گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە فۇنكسىيە تەقسىماتى ئەلالاشتۇرۇلدى، ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتى راۋانلاشتۇرۇلدى. ئىسلاھاتتىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك سەككىز ئاپپاراتى، مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك يەتتە ئاپپاراتى قىسقارتىلدى. ئىسلاھات ئارقىلىق گوۋۇيۈەن ئاپپاراتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇن، ئىلمىي، مۇۋاپىق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولدى. بۇ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  كېيىنكى قەدەمدىكى ئاپپارات ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش خىزمىتىدە، گوۋۇيۈەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ. خىزمەت مېخانىزمى بەرپا قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، يۈرۈشلۈك تەدبىر بەلگىلەپ، ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ، تۈرمۇتۈر ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ. ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك، يېڭىباشتىن قۇرۇلغان تارماقلارمۇ، مەسئۇلىيىتى تەڭشەلگەن تارماقلارمۇ فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى خىزمەتنى ئۆزى تۇتۇشى، دەل جايىدا تۇتۇشى، ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشى، ئىسلاھات ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئاپپارات، مەسئۇلىيەت، قوشۇن قاتارلىقلارنى تەلەپ بويىچە ۋاقتىدا تەڭشەشكە، ئىدىيە قالايمىقانلاشماسلىق، خىزمەت ئۈزۈلۈپ قالماسلىق، قوشۇن چېچىلىپ كەتمەسلىك، غەيرەت بوشاپ كەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ۋەكىللەر، بۇ يىل ــــ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا خىزمەتلەرنى جىپسىلاشتۇرىدىغان مۇھىم بىر يىل، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئوڭۇشلۇق داۋاملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى زور. بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىدىيەدە، ھەرىكەتتە بىرلىككە كېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.