تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنى 4–ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى،خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى

  يىغىندا رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 4 – ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتىنى ئاڭلىدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2980 كىشى، قاتناشقىنى 2962 كىشى، قاتنىشالمىغانلار 18 كىشى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە، 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جيەنگو رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. لى جيەنگو مۇنداق دېدى: رېۋىزىيە قانۇنىنى چىقىرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى زور تەدبىر؛ پارتىيەنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، مەركەزلىك، بىرلىككە كەلگەن، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دۆلەت رېۋىزىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى؛ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنىڭ رېئال ئېھتىياجى؛ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن دۆلەت رېۋىزىيەسىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە رېۋىزىيە يولىدا مېڭىشتىكى ئىجادىيەت؛ ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى بېيىتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر.

  لى جيەنگو مۇنداق دېدى: رېۋىزىيە قانۇنى چىقىرىش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى ئىدىيە ۋە پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىندى: بىرىنچى، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇلدى؛ ئىككىنچى، ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمىسى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇلدى؛ ئۈچىنچى، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلدى؛ تۆتىنچى، ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك ئاساستا قانۇن چىقىرىش، قانۇن بويىچە قانۇن چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇلدى.

  لى جيەنگو مۇنداق دېدى: رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسى جەمئىي توققۇز بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئومۇمىي پىرىنسىپ، رېۋىزىيە ئورگىنى ھەم ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى، رېۋىزىيە دائىرىسى ۋە باشقۇرۇش دائىرىسى، رېۋىزىيە ھوقۇق دائىرىسى، رېۋىزىيە تەرتىپى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقى، رېۋىزىيە ئورگىنى ۋە رېۋىزىيە خادىملىرىنى نازارەت قىلىش، قانۇن جاۋابكارلىقى ۋە قوشۇمچە پىرىنسىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، جەمئىي 69 ماددا. ئۇ يەتتە جەھەتتىكى ئاساسلىق مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالدى: بىرىنچى، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ ئىككىنچى، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ پىرىنسىپى ۋە فاڭجېنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ ئۈچىنچى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ۋە مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ تۆتىنچى، رېۋىزىيەدە ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ بەشىنچى، رېۋىزىيە ئورگىنىنىڭ زۆرۈر ھوقۇق دائىرىسى بېكىتىلدى؛ ئالتىنچى، رېۋىزىيە تەرتىپى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلدى؛ يەتتىنچى، رېۋىزىيە ئورگىنى ۋە رېۋىزىيە خادىملىرىنى نازارەت قىلىش كۈچەيتىلدى.

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ قاراپ چىقىشقا سۇنغان گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى توغرىسىدىكى تەكلىپتە مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيىدا ئاپپارات ۋە مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئېنىق تەلەپ قىلىندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنى ‹‹پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى››نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىغا چېتىلىدىغان مەزمۇنلارنى 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا قوشۇلدى. ھازىر ‹‹پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى››گە ئاساسەن شەكىللەنگەن ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى››نى 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىمىز.

  گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بويىچە، دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. ۋاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: بىرىنچى، گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى تارماقلارنى تەڭشەپ، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى – يېزا مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە – ساغلاملىق كومىتېتى، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قۇرۇش، پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقىنى قايتىدىن تەشكىللەش، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنى قايتىدىن تەشكىللەش، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي تەپتىش مىنىستىرلىقى، دۆلەت چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىنى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىغا قوشۇۋېتىش؛ ئىككىنچى، گوۋۇيۈەندىكى باشقا ئاپپاراتلارنى تەڭشەپ، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، جۇڭگو بانكا – سۇغۇرتىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، دۆلەت خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىق مەھكىمىسى، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى، دۆلەت ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئىدارىسى، دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە يايلاق ئىدارىسى قۇرۇش، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنى قايتىدىن تەشكىللەش، مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى كېڭىشىنىڭ تەۋەلىك مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش، دۆلەت بېجى ۋە يەرلىك باج يىغىش – باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش.

  ۋاڭ يۇڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئومۇمەن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىدا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، دىققەت تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئارزۇسى، ئەلرايىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئەلالاشتۇرۇش، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ھەم ھازىر، ھەم كەلگۈسى مەۋقە قىلىنىپ، گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش ۋە فۇنكسىيەسىنى بېكىتىش ئەلالاشتۇرۇلۇپ، مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتى راۋانلاشتۇرۇلدى. ئىسلاھاتتىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاپپاراتلىرىدىن سەككىزى ئازىيىدۇ، مۇئاۋىن مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاپپاراتلىرىدىن يەتتىسى ئازىيىدۇ. ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق گوۋۇيۈەندىكى ئاپپاراتلار ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئىلمىي، مۇۋاپىق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك شەكىلدە تەسىس قىلىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  يىغىن ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىش قارارىنى ماقۇللىدى، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسىنى ماقۇللىدى، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى ئىسىملىكىنى ماقۇللىدى، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى ئىسىملىكىنى ماقۇللىدى.

  قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى ساۋ جيەنمىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. قۇرۇلتاينىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ۋاڭ دۇڭفېڭ، ۋاڭ گوشېڭ. لى ۋېي، لىن دو، خۇاڭ جىشيەن، شېي فۇجەن رەئىس سەھنىسىدىكى ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.