13-مارت، باي ناھىيەسىدىكى ئورمانچىلىق تېخنىك خادىملىرى ياڭاق ئۆستۈرۈش چوڭ ئائىلىلىرىگە شاخ چاتاش ۋە زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى، فوتوسى: ئەتىياز كىرىشى بىلەن، باي ناھىيەسى «باغۋەنچىلىك پەن-تېخنىكىسىنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسلىرى ئېتىز-ئېرىق باشلىرىغىچە بېرىپ، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتتى.