لى كېچياڭ ئايرىم – ئايرىم ھالدا باڭلادىش زۇڭلىسى خاسىنا، نېپال زۇڭلىسى ئورلىيغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا باڭلادىش زۇڭتۇڭى خەمىد، نېپال زۇڭتۇڭى باندارىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، باڭلادىش يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ نېپالدا ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچراپ، ئېغىر تالاپەت كۆرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. شۇ كۈنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ ئايرىم – ئايرىم ھالدا باڭلادىش زۇڭلىسى خاسىنا، نېپال زۇڭلىسى ئورلىيغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.