تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇنجى قىزىل كىرېست «مېھىر-شەپقەت مۇلازىمەت پونكىتى» قۇرۇلدى

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇنجى قىزىل كىرېست «مېھىر-شەپقەت پونكىتى» 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە قۇرۇلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ مۇلازىمەت پونكىتى يەرلىكتىكى نامرات دېھقان-چارۋىچىلار، ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلار قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە قارىتا نامراتلىقتىن دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىنى ئېلىپ بارىدۇ.

  بۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ سۇلۇقساي بازىرىدىكى «مېھىر-شەپقەت پونكىتى» دا سۇلۇقساي شىپاخانىسىدىن كەلگەن قىزىل كىرېست پىدائىيلىرى «مېھىر-شەپقەت بۇيۇملىرى» نى رەتلەۋاتاتتى. 80 كىۋادرات مېتىر چوڭلۇقتىكى «مېھىر-شەپقەت پونكىتى»غا يېپيېڭى يوتقان-كۆرپە، ئاياغ، ئوقۇش قوراللىرى، كىيىم-كېچەكلەر، ئۇن، گۈرۈچ، ماي قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىمۇ تىزىلغانىدى.

  بۇ پونكىتتا «مېھىر-شەپقەت بۇيۇملىرى» دىن باشقا، ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش كۆزنىكىمۇ ئېچىلغان بولۇپ، بۇ پونكىت يەنە قىزىل كىرېست بىلىملىرى تەشۋىقاتى، قىزىل كىرېست پىدائىيلىرى مۇلازىمىتى، قىزىل كىرېست قۇتقۇزۇش بىلىملىرى تەشۋىقاتى قاتارلىق خىزمەتلەرنىمۇ ئېلىپ بارىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گويەن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، داۋانچىڭ رايونى، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونلىرىدىمۇ «مېھىر-شەپقەت پونكىتى» قۇرۇلۇپ، يەرلىكتىكى قىيىنچىلىقى بار دېھقان-چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ سۇپا ئارقىلىق يەرلىكتە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇلۇپ، ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلار يارىتىلىدۇ.

     ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ تۈردە يەنە جەمئىيەتنىڭ ياردىمىمۇ قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، ياردەم بەرگۈچى ئورۇن ۋە شەخىسلەر 4614503 گە تېلېفون قىلىش ئارقىلىق ئالاقىدار ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلسا بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى