تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن شىنجاڭغا قاتنايدىغان ساياھەت مەخسۇس پويىزى 200 دىن ئاشىدۇ

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، ئىچكىرىدىكى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردىن شىنجاڭغا قاتنايدىغان ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى يولغا قويۇشنىڭ تەييارلىق پىلانلىرى باشلاندى. شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن شىنجاڭغا قاتنايدىغان ساياھەت مەخسۇس پويىزى 200 دىن ئېشىپ، ساياھەتچىلەر 150 مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن ئاشىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا جىنەندە ئۆتكۈزۈلگەن «چىلۇ (شەندۇڭ) ئون مىڭ كىشىلىك شىنجاڭ سەپىرى» تېمىسىدىكى مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش يىغىنى شۇ جايدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، شەندۇڭ ئۆلكىسى بۇ يىل 4-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە شىنجاڭغا قاتنايدىغان ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىن 8 نى كۆپەيتىشنى پىلانلىغان. تۇنجى ساياھەت مەخسۇس پويىزى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى يولغا چىقىدىغان بولۇپ، ساياھەت مەخسۇس پويىزىغا يېڭى تىپتىكى كەڭ گەۋدىلىك ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلىتىلگەن. ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ مەھسۇلات مەزمۇنلىرى پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشى بويىچە لايىھەلەنگەن بولۇپ، ھەر ئايدا ئوخشىمىغان ئاساسىي تېمىلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بۇ ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ئوخشاش بولمىغان پەسلىدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشى ئەمەلگە ئاشقان، ھەمدە شىنجاڭغا 10 مىڭغا يېقىن ساياھەتچى توشۇشنى مۆلچەرلىگەن.

  خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى «لوڭتەي» خاربىن-ئالتاي ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىن 2017-يىلى جەمئىي تۆتنى يولغا قويغان بولۇپ، شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 3000 دىن ئاشقان. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى بۇ يىل «لوڭتەي» ناملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىن 10 دىن 12 گىچە كۆپەيتىپ، 10 مىڭغا يېقىن ساياھەتچىنى ئالتايغا بېرىشكە تەشكىللەشنى پىلانلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى