تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   تاغدىن-باغدىن

«ھوقۇق ئويۇنى»دىكى ئارتىس 472 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى ئىشتانكىنى كۆتۈردى

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 3-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىلگىرى «ھوقۇق ئويۇنى» دا «سېھىرلىك تاغ» رولىنى ئالغان ئىرېلاندىيەلىك ئارتىس خافسور «كۈچتۈنگۈرلەر مۇسابىقىسى» دە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 1041 قاداق (تەخمىنەن 472.2 كىلوگىرام) ئېغىرلىقتىكى ئىشتانكىنى كۆتۈرۈپ، دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ مۇسابىقە ئامېرىكىنىڭ ئوخېئو ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كۈچتۈنگۈرلەر بۇ يەردە جەم بولغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بوي ئېگىزلىكى 2.1 مېتىر كېلىدىغان، ناھايىتى بەستلىك خافسور ئەسلىدە كەسپىي ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ، تىزى يارىلانغاندىن كېيىن، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تەنھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ئۇ ئىلگىرى 25.4 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى تۆمۈرنى تەخمىنەن 6 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بوشلۇققا ئېتىپ، شۇ تۈردىكى دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى