تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[بەختلىك كۈرەش قىلغۇچىلار] ئەجىر قەيەردە بولسا، بەخت شۇ يەردە

  ئىلاۋە: «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ»، «كۈرەش قىلىشنىڭ ئۆزى بىر بەخت»، «يېڭى دەۋر كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ دەۋرى»... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018-يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدىكى سۆزىگە «كۈرەش» تىن ئىبارەت بۇ دەۋر باش تېمىسى مەركەزلەشكەن، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى مۇجەسسەملەنگەن.

  تىيانشان تورىمىز «بەختلىك كۈرەش قىلغۇچىلار» تېمىسىدا چاتما خەۋەرلەر ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى جانلىق ھېكايىلىرى، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ يېڭىچە قىياپىتى، يېڭىچە مۇۋەپپەقىيەتلىرى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، خالىس تۆھپە قوشۇش روھى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇۋاتقان شىنجاڭ ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ نەمۇنىلىك ھېكايىلىرىنى سۆزلەيمىز.

  ئۆز مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىنجىن، پىراكتىكانت مۇخبىرىمىز جياۋ بەيخۇي، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شى جىننەن خەۋىرى، فوتوسى: 3-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەر، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭىئاۋات بازىرى قارايار كەنتىدە نامرات ئاھالە شاھىمەردان كەنتتىكى باشقا 19 نامرات ئاھالىنى يىغىپ، ئۇلارغا قوغۇنغا چۈشىدىغان زىيانداش ھاشاراتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە ساۋات سۆزلەپ بەردى.

  «بىز 20 نامرات نوپۇس كۈچىمىزنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنى ياخشى يۈرۈشتۈرىمىز. ئىلگىرى قولىمىزدا ئېتىزدىن ئىبارەت <ئالتۇن تاۋاق> تۇرسىمۇ، ياخشى پايدىلانماپتۇق، ئەمدىلىكتە بىز بۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، بۇ يىلدىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىمىز» دېدى شاھىمەردان.

  پەقەت بىر يىلدىلا 30 ياشلىق شاھىمەردان نامرات ئاھالىدىن كەنتتىكى ئالاھىدە تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باشلامچىسىغا ئايلاندى. بۇنىڭغا ئۇنىڭ بۇلتۇرقى كەچمىشى سەۋەب بولدى.

   قوغۇنلىرىمغا قۇرت چۈشتى، بىراق ئىشەنچىم تېخىمۇ زورايدى

  2017-يىلى 3-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەڭگۇڭتىڭىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى قارايار كەنتىگە يېتىپ بېرىپ، كەنتنىڭ تەبىئىي شارائىتىنى تەتقىق قىلدى. بۇ جاي تەكلىماكان قۇملۇقىغا يېقىن، بۇ جايدا كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇپ، قوغۇن تېرىشقا تولىمۇ ماس كېلەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تېرىقچىلىق مۇتەخەسسىسلىرىنى نەق مەيداننى تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى. ئاخىرىدا بالدۇر پىشار، زىيانداشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، قەنت مىقدارى يۇقىرى، يېيىشلىك بولغان «ئالتۇن سۇمرۇغ» قوغۇنىنى سىناق تېرىش بېكىتىلدى.

  خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بۇنىڭغا ئىشەنچ باغلىدى، بىراق بۇنىڭغا دېھقانلارنىڭ تازا كۆزى يەتمىگەن ئىدى. دېھقانچىلىق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تېخنىكا دەرسىنى بىرقانچە قېتىم ئاڭلىغاندىن كېيىن، جۈرئەتلىك ياش شاھىمەردان بىلەن تۆت كەنت ئاھالىسى 20 مو ئېتىزغا «ئالتۇن سۇمرۇغ» قوغۇنى تېرىپ، قارايار كەنتىدىكى تۇنج بىر تۈركۈم نەپكە ئېرىشكەنلەر بولۇپ قالدى.

  «بۇلتۇر ھورۇنلۇق قىلىپ قوغۇنلىرىمنى ئەستايىدىل پەرۋىش قىلمىدىم، كېيىن قوغۇن يوپۇرماقلىرىنىڭ سارغىيىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، مۇتەخەسسىسلەردىن ياردەم سورىغىنىمدا ئاللىبۇرۇن كېچىككەنلىكىمنى بىلدىم» دېدى شاھىمەردان، شۇنىڭ بىلەن تېرىغان 10 مو قوغۇندىن پەقەت 3 مولا ھوسۇل بەرگەن ئىدى. شاھىمەردان بىلەن بىللە قوغۇن تېرىغان باشقا دېھقانلار بولسا 10-ئايدا نەچچە ئون مىڭ يۈەنلىك كىرىم قىلغان ئىدى.

  «شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ كۆزۈم قىزاردى، ئېتىزغا كۈچىمىگەنلىكىمدىن ئاغرىندىم، بىراق مۇشۇ 3 مو يەرنىڭ تاپاۋىتىمۇ ئىلگىرى تېرىغان قوناقتىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولدى» دېدى شاھىمەردان.

  ئەقلىمنى تېپىپ، باشلامچى بولدۇم

  «خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئىدىيەمنى ئاچتى، <ئالتۇن سۇمرۇغ> قوغۇنىنى تېرىش نامراتلىقتىن قۇتۇلىدىغان يول ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم» دېدى شاھىمەردان. بۇ يىل ئۇ ئالاھىدە تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە قوغۇن تېرىشنى كۆڭلىگە پۈكتى.

  شاھىمەردان باشقا نامرات ئاھالىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىلگىرى 6-ئايدا بۇغداينى يىغىۋېلىپ قوناق تېرىغاندا 10-ئايدا كۆپ ساندىكى قوناقلارنىڭ يەم-خەشەككە ئايلىنىدىغانلىقىنى، بىراق قوغۇننى 6-ئايدا تېرىسا 10-ئايدىلا پىشىپ بولىدىغانلىقىنى، بۇ مەزگىلنىڭ دەل 6-، 7-ئايدىكى قوغۇن باس-باس مەزگىلدىن ئۆتۈپ، كۈزلۈك قوغۇننىڭ باھاسى ئۆرلەيدىغان مەزگىلگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار كۆڭلىدە ھېسابات قىلىپ: قوغۇن تېرىغاندا 1 مو يەردىن كىرىدىغان ساپ كىرىمنىڭ 5500 يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى، 20 نامرات ئاھالە ھەمكارلىشىپ 100 مو يەرگە قوغۇن تېرىسا، ياخشى پەرۋىش قىلالىسا، 550 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم بولىدىغانلىقىنى، شۇنداق بولغاندا يىل ئاخىرىدىلا ھەممەيلەن بىرلىكتە نامراتلىق قالىپىقىنى چۆرۈپ تاشلىيالايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشتى.

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى قەيسەر مەمەت شاھىمەرداننىڭ ئويىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنى ناھايىتى قوللىدى ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشتىكى سىياسەت تەلىپى ۋە ئىلتىماس قىلىپ بېجىرىش تەرتىپلىرىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن سۈرۈشتۈرۈپ بەردى، يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا دائىر ئىگىلىك باشقۇرۇش توغرىسىدا كىتابلارنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، شاھىمەرداننىڭ نامرات ئاھالىلەر ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا چارە-تەدبىرلەرنى كۆرسىتىشى بىلەن، كۆپچىلىك پۇلى بارلار پۇل، كۈچى بارلار كۈچ چىقىرىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى. يېقىندا ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان كوپىراتىپتىكى ئەزالارنى تېرىقچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش ئىشى بىلەن ئالدىراش ئىدى.

  شاھىمەردان مۇنداق دېدى: «مەن چوقۇم بۇلتۇرقى مەغلۇبىيىتىمدىن تەجرىبە يەكۈنلەيمەن، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىز ئۈچۈن دېھقانچىلىق مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلدى، بۇ يىل چوقۇم كۆپچىلىككە ياخشى باشلامچى بولۇپ، قوغۇن ئېتىزىنى ياخشى پەرۋىش قىلىپ، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مول ھوسۇل ئېلىشقا تىرىشىمەن».

  شاھىمەردان خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتەكلىشىگىلا تايانماي، ئۆزلىرىمۇ كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، بۇ يىل نامراتلىق قالىپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، نامراتلىق يىلتىزىنى قۇمۇرۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى. بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ، ئەجىر قەيەردە بولسا، بەخت شۇ يەردە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خەينەن سەنيا: تيەنياخەيجياۋنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
  • قومۇل شەھىرى: لوپنۇر كۆلى كالىيلىق تۇز كانىدىكى تۇز كاندۇكلىرى سۈرەتتەك تۈسكە كىردى
  • قىش ئايلىرىدىكى سۈرەتتەك گۈزەل قابا
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى