ئۆز خەۋىرىمىز: تېمپېراتۇرىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، نىلقا ناھىيەسىدىكى قارلار يېقىندا ئېرىشكە باشلىدى، بۇ ناھىيەدىكى ئالاقىدار تارماقلار مۇددەتتىن بۇرۇن تەدبىر قوللىنىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قار ئېرىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كەلكۈن ۋە ئەتىيازلىق تاشقىندىن مۇداپىئەلەندى.
ئىگىلىنىشىچە، نىلقا ناھىيەسىنىڭ تاشقىن مەزگىلى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدىكەن. بىرىنچى باسقۇچ 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان مەزگىل بولۇپ، بۇ مەزگىل قار ئېرىش خاراكتىرلىك كەلكۈن ۋە تاشقىن كېلىش مەزگىلى ئىكەن، ئىككىنچى باسقۇچ بولسا 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان مەزگىل بولۇپ، بۇ مەزگىل ھۆل-يېغىن خاراكتىرلىك كەلكۈن كېلىش مەزگىلى ئىكەن.
نۆۋەتتە، نىلقا ناھىيەسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ھەربىر يېزا، بازار، مەيدانلارغا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلەندى. ئۇنىڭدىن باشقا، نىلقا ناھىيەسى ھەر خىل گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەر يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تېلېۋىزىيە، رادىيو ۋە ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ ئاغزاكى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق چارۋىچىلارغا خەتەردىن ساقلىنىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، چارۋىچىلارنىڭ ھەر ۋاقىت ھاۋارايى ئۇچۇرى ۋە ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىشىنى تەكىتلەپ، چارۋىچىلارنىڭ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتتىن ساقلىنىش، ئالدىن كۆرەرلىك، قاراتمىلىق ۋە ۋاقىتچانلىق ئېڭىنى ئۆستۈردى.