قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى 12- مارت بېھىشباغ يېزىسىنىڭ بوستان 2-كەنتىدە ئەمىن ئۆي سالماقتا
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ كۇچا ناھىيەسىدىكى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى. ئىگىلىنىشىچە، كۇچا ناھىيەسى بۇ يىل 8000 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، 3- ئاينىڭ 12- كۈنىگىچە ناھىيە بويىچە 2160 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىپ، ئىش باشلىنىش نىسبىتى %27كە يەتكەن.