تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا كۈچ قوشىمەن

  مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى بەي ياڭخې يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ما خەيرەن

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچلۈك سىياسەت – تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. ئەتراپىمىزدىكى ھەر بىر كىشى خەلق تۇرمۇشىدىكى ‹‹كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان›› نۇرغۇن ئەمەلىي نەپتىن بەھرىمەن بولدى ــــ يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، يېزىلاردا ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى تولۇق قاپلىدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇلدى، داۋالاش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلدى... ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنىڭ ئىللىق نۇرى ھەممە ئائىلىنى يورۇتتى.

  پارتىيەلىك ئايال كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئايال كادىرلارغا، ئانىلارغا، ئاچا – سىڭىللارغا شۇنى تەشەببۇس قىلىمەنكى: ئائىلە تەربىيەسى، ئانا تەربىيەسى ئىنسان ھاياتىدىكى بارلىق تەربىيە ئىچىدە ئەڭ دەسلەپكى شۇنداقلا ئەڭ ھالقىلىق تەربىيە، ياخشى بولغان ئانا تەربىيەسى ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئاساسى. ھازىرقى ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن›› ئالاھىدە ۋەزىيەتتە، بىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ ئائىلىدىكى رولىنى ئېنىق تونۇپ، ئاياللارغا خاس ئالاھىدىلىكىمىزنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ، زامانىۋى مەدەنىيلىككە ئىنتىلىپ، چەكسىز مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈپ، چىنلىق، سەمىمىيلىك، گۈزەللىكنى نامايان قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە چىرىتىشىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.

  مەن بىر تەشۋىقاتچى، مېنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا بارلىق كۈچۈمنى بېغىشلاپ، شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنى ياخشى تەشۋىق قىلىش مەجبۇرىيىتىم بار؛ پارتىيەنىڭ ساداسىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈشكە تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش مەجبۇرىيىتىم بار؛ ئاساسىي قاتلام تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ ياخشى يېتەكچىسى بولۇپ، تەشۋىقات خىزمىتىدە چىن ھېسسىيات بىلەن ئاممىغا يېقىنلىشىپ، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاكتىپ كۈچنىڭ ساداسى ئارقىلىق كەڭ ئاممىنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل ماھىيىتى ۋە زىيىنىنى ئېنىق تونۇشقا يېتەكلەپ ۋە چاقىرىپ، ئىناق، مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش مەجبۇرىيىتىم بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى