تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

بىرجۈپ ئاچا–سىڭىلنىڭ ئىككى ئائىلىگە باغلانغان رىشتى

   ۋۇ جۇڭمېي، گۈلسۈنئاي ئادىلباي

  بىڭتۈەن 8 – شىسى 121 – تۈەنىدىكى ياڭ ۋېيجۈن 3 – ئاينىڭ 2 – كۈنى بورتالا شەھىرىدىكى ئاكىسى ئابدۇسەمەت ھېلىمبايغا تېلېفون قىلىپ مۇنداق دېدى: ئابدۇسەمەت ئاكا، مەن باشقىلار ئارقىلىق سىزگە شىخەنزىنىڭ ياخشى ئالمىسىنى ھەم يەڭگىڭىزنىڭ كېلىن سىڭلىمىزغا توقۇغان شارپىسىنى ئەۋەتتىم.

  ئىككى قېرىنداشنىڭ تونۇشۇپ سىرداش دوستلاردىن بولۇشى ئۇلارنىڭ قىزلىرىنىڭ چوڭقۇر ئاچا – سىڭىللىق مېھىر – مۇھەببىتىدىن كەلگەن.

  ياڭ ۋېيجۈننىڭ قىزى ياڭ يۈەنيۈەن 2015 – يىلىنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىگە ئىشلىگىلى كەلدى، لېكىن ئۇ بۇ يات جايدا تۇرغۇدەك جاي تاپالمىدى. ئۇ ئۇزاق ئويلاپ، پىراكتىكا جەريانىدا تونۇشقان گۆھەربانۇ ئابدۇسەمەتكە تېلېفون قىلىپ ياردەم سورىدى. ياڭ يۈەنيۈەن مۇنداق دېدى: گۆھەربانۇ ئاچام ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ مېنىڭ ياردەمگە موھتاجلىقىمنى بىلىپ، ئالدى بىلەن مېنى ئۆيىدە تۇرغۇزدى، ئاندىن ئالدىرىماي ئۆي ئىزدىدى، ئويلىمىغان يەردىن مۇشۇ تۇرغانچە ئىككى يىلدىن ئارتۇق تۇرۇپ قالدىم، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھېسسىياتىمىز بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.

  گۆھەربانۇ ئابدۇسەمەتنىڭ ئۆيى بورتالا شەھىرىنىڭ چىندىل مەھەللە ئىش باشقارمىسى ئىتتىپاق مەھەللىسىدە بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ‹‹داخۇفاڭ›› ئۇچۇر تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىدە پىروگرامما تۈزگۈچى بولدى. ياڭ يۈەنيۈەن پىراكتىكا قىلغان مەزگىلدە، گۆھەربانۇ ئابدۇسەمەت بۇ خۇشخۇي، ئوچۇق – يورۇق قىزنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ قالدى. ياڭ يۈەنيۈەننىڭ ئۈرۈمچىدە تېزدىن پۇت تىرەپ تۇرۇشى ئۈچۈن، گۆھەربانۇ ئابدۇسەمەت ئاچىلىق مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئادا قىلىپ، خىزمەت ئىزدەشتىن تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشقىچە، بۇ سىڭلىسىغا ھەر تەرەپتىن كۆڭۈل بۆلدى.

  ئىككى قىز بىللە تۇرۇپ، بىر – بىرىگە ياردەم بېرىپ، ناھايىتى چىقىشىپ ئۆتتى. بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، گۆھەربانۇ ئابدۇسەمەت ياڭ يۈەنيۈەننىڭ باشقا ئۆي ئىجارە ئېلىشىغا قوشۇلمىدى، ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنداق بولغاندا ياڭ يۈەنيۈەننىڭ چىقىمى تېجىلىپلا قالماي، ئۆزىگىمۇ ھەمراھ تېپىلاتتى. گۆھەربانۇ ئابدۇسەمەتنىڭ ئاتا – ئانىسى سودا مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە دائىم كېلىپ تۇراتتى، ئۇلارمۇ ئىشچان، گېپى تاتلىق بۇ قىزنى ياقتۇرۇپ قالدى ھەم ياڭ يۈەنيۈەننى كىچىك قىزى قىلىۋالدى.

  بۇ يىل چاغانلىق دەم ئېلىشتا، ياڭ يۈەنيۈەن گۆھەربانۇ ئابدۇسەمەتنى شىخەنزىگە كېلىپ چاغان ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلدى. داستىخانغا لىققىدە تىزىلغان پېچىنە – پىرەنىك، مېۋە – چېۋىلەرنى كۆرگەن گۆھەربانۇ ئابدۇسەمەت ياڭ يۈەنيۈەن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىنتايىن قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدى. گۆھەربانۇ ئابدۇسەمەت شىخەنزىدە جەم بولۇش تامىقى يەپ، چاغانلىق كېچىلىكنى كۆرۈپ، كۇڭمىڭ پانۇسى قويۇپ بېرىپ، باغچە ئايلىنىپ، ئادەتتىن تاشقىرى چاغان ئۆتكۈزدى.

  چاغاننىڭ 2 – كۈنى سەھەردە، ياڭ يۈەنيۈەننىڭ دادىسى ياڭ ۋېيجۈن ئىككى قىزنى ئېلىپ بورتالا شەھىرىگە ماڭدى، ئۇ گۆھەربانۇ ئابدۇسەمەتنىڭ ئۆيىگە رەسمىي تۇغقانلاشقىلى بارماقچى ئىدى. ياڭ ۋېيجۈن گۆھەربانۇنىڭ دادىسى ئابدۇسەمەت ھېلىمباي بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: كۆپ رەھمەت، سىلەر ئائىلىمىزنىڭ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر تۇغقىنى. ئابدۇسەمەت ھېلىمباي جاۋابەن مۇنداق دېدى: يۈەنيۈەن ئوبدان قىز، ئۇ ئۆز قىزىمغا ئوخشايدۇ، بىز ئۇنى بەك ياقتۇرىمىز، رەھمەت دېيىش كەتمەيدۇ.

  ئابدۇسەمەت ھېلىمباي ئائىلىسىدىكىلەر ياڭ ۋېيجۈن ۋە ئۇنىڭ قىزىنى ئۈچ كۈن ئىنتايىن قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئۇلارنى ئېلىپ بورتالا خاتىرە باغچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردى، سايرام كۆلىنى ئايلاندۇردى، بورتالانىڭ داڭلىق يېمەكلىكلىرىنى تېتىتقۇزدى، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئىككى ئائىلىنىڭ ھېسسىياتى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.

  ياڭ ۋېيجۈن مۇنداق دېدى: مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاشتا شىنجاڭدىكى ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى بار. بىز ئىككى ئائىلىنىڭ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش ئۈچۈندۇر.

  گۆھەربانۇ ئابدۇسەمەت مۇنداق دېدى: بۇ تەتىل بەك ئەھمىيەتلىك ئۆتتى. ئىككى ئائىلىنىڭ قوللىشى بىلەن، بىز ئاچا – سىڭىلنىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا، ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يېقىن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى