ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا، زۇلپقار ئابدۇقادىر خەۋىرى، فوتوسى: ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىللەپ يولغا قويغان گۈزەللىكتىن ئورتاق بەھرلىنىش ــ يېزا-قىشلاقلاردا «ھۆسن تۈزەش، چاچ ياساش» بويىچە مىڭلىغان دۇكان قۇرۇش تۈرىنىڭ ئۈسكۈنە تارقىتىش مۇراسىمى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى قەشقەر شەھىرى قوغان يېزىسى ئىپارخان كەنتىدىكى «لورا» گۈزەللىك سالونى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا، بۇ تۈر بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش دۇكانلىرى بولغان 11 دۇكانغا ئۈسكۈنە تارقىتىپ بېرىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى 2 مىليون 670 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق 12 ناھىيە (شەھەر)نىڭ 217 يېزا (بازار)، كەنت (مەھەللە)ىدىكى ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ئاياللارنى يۆلەش ئۈچۈن، ئۇلارغا ھۆسن تۈزەش، چاچ ياساش دۇكىنىنى ھەقسىز ئېچىپ بېرىپ، ھەقسىز تېخنىكا-ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ، بىر قىسىم ھۆسن تۈزەش، چاچ ياساش ئۈسكۈنىلىرىنى تارقىتىپ بەرگەن بولۇپ، 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 217 دۇكان ئومۇميۈزلۈك تىجارەت باشلايدىكەن.