تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىسلاھات نەتىجىسىدىن پۈتكۈل خەلقنى بەھرىلەندۈرەيلى

  دۇڭ شاۋخۇا

  ھازىر بىر مەيدان ئومۇميۈزلۈك ھەم چوڭقۇر ئىسلاھات مەنزىرىسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا نامايان بولۇۋاتىدۇ... پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە بەلگە، تۈۋرۈك خاراكتېرلىك ئىسلاھات ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇلۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ پايدىسى داۋاملىق كۆرۈلۈپ، ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر كىشىنى روھلاندۇرماقتا، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرماقتا.

  بۇلتۇر 3 – ئاينىڭ 10 – كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا يۆنىلىش ۋە مىزان كۆرسىتىپ بەردى.

  بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زور قەدەم ئېلىپ، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.

  مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىسلاھات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلدى

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بايراق ۋە يۆنىلىش. ئۇزاقتىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باشتىن – ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئىسلاھات مۇھىم نۇقتىلىرىنى بېكىتىپ، ئىسلاھات تۈرلىرىنى ئىنچىكە ئايرىپ، يۆنىلىش خەرىتىسى، ۋاقىت جەدۋىلى ۋە ۋەزىپەنامە تۈزۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغانلىكى ئىسلاھات لايىھەسىنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئۇنىڭغا يېقىندىن ئەگەشتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېكىتكەن ئىسلاھات ئىشلىرىنى ۋاقتىدا جىپسىلاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى.

  ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىيەتنى تۈزەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش رەھبەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش قاتارلىق ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە نۇقتىلىق كۈچ سەرپ قىلىپ، مەسئۇلىيىتى ئېنىق، قېلىپلاشقان، ئۈنۈمى يۇقىرى خىزمەت ھەرىكىتى مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى.

  ۋىلايەت، ئوبلاستلارمۇ باشتىن – ئاخىر مىخ قېقىش روھى بويىچە ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتتى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى؛ تارباغاتاي ۋىلايىتى يېڭىچە يېزا ئىگىلىكى تىجارىتى سۇبيېكتىنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىدا زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى؛ قاراماي شەھىرى شەھەرنىڭ قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى؛ قەشقەر ۋىلايىتى ‹‹سەككىز ئالاقە باغلاش›› ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ‹‹ئائىلىلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ ئەمىنلىكنى ساقلاش، ئائىلىلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى؛ خوتەن ۋىلايىتى ۋىلايەت، ناھىيە، يېزىلاردىكى دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى كەنتلەرگە بېرىپ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كەنت دەرىجىلىك جەڭ ئىستىھكامىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملىدى...

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، كادىرلار ئىستىلىنى ياخشىلاشنى باشتىن – ئاخىر شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدا مەسئۇلىيەتچان بولۇش، مەسئۇل بولۇش، پۇختا بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش كەيپىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش چارىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەسئۇلىيەت ئارقىلىق ئۈنۈم ئۆستۈرۈلدى، ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئىسلاھات ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ ئىسلاھاتتىكى ياخشى مىساللار ۋە تىپىك تەجرىبىلەر تەشۋىق قىلىنىپ، كېڭەيتىلىپ، تىپ تۇرغۇزۇلۇپ، ئىسلاھاتنى چۈشىنىدىغان، ئىسلاھاتنى قوللايدىغان، ئىسلاھاتقا قاتنىشىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىلدى.

  دىققەت مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى شۈ بىن ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇلتۇر 3 – كەسىپ %9.8 ئاشتى، بۇ 2 – كەسىپنىڭكىدىن 3.9 پىرسەنت پوئېنت، 1 – كەسىپنىڭكىدىن 4.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %50تىن ئاشتى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز GDPسىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە سۈپىتىنى يەنىمۇ ياخشىلىدى.

  بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى(GDP)نى تۇنجى قېتىم 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا ئاساسلىقى سانائەتنىڭ تۈرتكە بولۇشىغا تايىنىشتىن سانائەت ۋە مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئورتاق تۈرتكە بولۇشىغا تايىنىشقا ئۆتۈشتەك يېڭى ۋەزىيەتنى ياراتتى.

  2017 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش›› بەش چوڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پولات – تۆمۈر، كۆمۈر قاتارلىقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش يىللىق نىشان – ۋەزىپىسىنى تولۇق تاماملىدى، پۈتۈن بىر يىلدا 5 مىليون 700 مىڭ توننا پولات – تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقىنى، 11 مىليون 630 مىڭ توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقىنى تۈگەتتى؛ يىل ئاخىرىدا كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قەرز نىسبىتى %62.7 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1.4 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى؛ ئۇل ئەسلىھە تۈرىگە سېلىنغان مەبلەغ %42.4 ئېشىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇقىملىقى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى.

  ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹بەش چوڭ مەركەز›› قۇرۇلۇشى پىكرى ۋە پىلانىنى ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلدى، داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى مۇھىم رول ئويناشقا باشلىدى. 2017 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز يەنە پۈتۈن مەملىكەتتە غەربكە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز يىغىلىش مەركىزىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلىدى، پۈتۈن بىر يىلدا غەربكە نۆۋەتچى پويىزدىن جەمئىي 806 سى قاتنىدى، بۇ، 2016 – يىلىدىكىنىڭ 3.6 ھەسسىسىگە تەڭ كەلدى.

  بىر ئۇرۇق بىلەن بىر تاختا شاھمات جانلاندۇرۇلدى. ھازىر پۈتۈن شىنجاڭدىكى بىر قاتار مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرە يېتەكلىنىپ، باشقا ئىسلاھاتلارنىڭ تەڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە تۈرتكىلىك قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىنماقتا.

  ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملىنىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى تەدرىجىي ئاشۇرۇلدى

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ مەقسىتى خەلقنى ئىسلاھات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل بەھرىلەندۈرۈش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق ساھەلەرگە ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.

  ‹‹پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى مېنى قۇتقۇزدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت!››. چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ نەسىللىك قوي فېرمىسىدىكى دېھقان سا يەنخۇ ئىلگىرى سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ باقمىغانىدى، 2017 – يىلى 8 – ئايدا 2 – قېتىملىق ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشتە قان بېسىمى، سۈيدۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مەسىلە بارلىقى بايقالدى، يۆتكەپ داۋالاش، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ‹‹سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى››، دەپ دىياگنوز قويۇلۇپ، بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالاندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى پەرۋىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو شاۋخۇڭ 3 – ئاينىڭ 11 – كۈنى مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامدىكى تېببىي خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭدا ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، پۇقرالارنىڭ زور نەپكە ئېرىشكەنلىكىگە گۇۋاھ بولدۇم.

  ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئۈزلۈكسىز تۈزۈملەشتۈرۈلدى، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈلدى، 2017 – يىلى 18 مىليون 844 مىڭ 800 كىشىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تاماملىنىپ، تاماملاش نىسبىتى %100كە يەتتى، %90 ئاھالىنىڭ ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە كۆپ خىل شەكىلدىكى دەرىجە بويىچە داۋالاش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، مۇۋاپىق، تەرتىپلىك داۋالىنىش تەرتىپى ئورنىتىشقا يېتەكچىلىك قىلدى؛ تىك لىنىيەلىك داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى، داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەش ۋە ئەلا سۈپەتلىك بايلىقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى... شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىدا ‹‹باشلاش كۇنۇپكىسى›› تەڭ قەدەمدە بېسىلىپ، ھەر مىللەت ئامما داۋالاش ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىدىن ئۈزلۈكسىز نەپكە ئېرىشتۈرۈلدى.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ـــ خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. ئاپتونوم رايونىمىز بۇلتۇر قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئۈچ يىللىق يىرىك پىلان(2017 – يىلىدىن 2019 – يىلىغىچە)نى يولغا قويدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدە تەرتىپلىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ قىيىن مەسىلىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھەل قىلىپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېڭى مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدەندى ۋە ئۇنى شەكىللەندۈردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ زور يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق گۇاڭدۇڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈلمە – مېخانىزم ئورنىتىش، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق تۈزەش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت جەمئىيەتنى تۈزەش ئەندىزىسى ئورنىتىش جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىدا مېڭىشىڭلار كېرەك. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى بولدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى شاڭ يوۋ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات ـــ دەۋرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسى، يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، جەزمەن ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئىسلاھات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىسلاھات خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى