تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقتى

  چېن چۈەنگو، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

  ياۋ تۇڭ، لى ياڭ، شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئومۇمىي يىغىن ۋە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقتى.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

  ۋەكىللەر بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمىز. دوكلاتقا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئورگانىك بىرلىكى تولۇق نامايان قىلىندى. ‹‹يەتتىگە كۈچەش››تە 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى، ‹‹بەش تەسىرات››تا خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى ۋە ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى يىغىنچاقلاندى، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئورنى ۋە خىزمەت قانۇنىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. دوكلاتتا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن بويىچە قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى، قارار قىلىش ھوقۇقى، ۋەزىپىگە تەيىنلەش – ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى گەۋدىلەندۈرۈلدى، بۇ يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولدى، بىز بۇ دوكلاتنى تامامەن قوللايمىز. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى چوقۇم بۇرچىنى ئادا قىلىپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەلەيدۇ.

  ۋەكىل جۇ خەيلۈن مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئۆتكەن بەش يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە 18 –، 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نوپۇزى ۋە يادرولۇق ئورنىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشتا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا مۇھىم قەدەم باستى. قانۇن چىقىرىش خىزمىتى، نازارەت قىلىش خىزمىتى، ۋەكىللەر خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

  پەرھات روزى، جاڭ يەن، ياسىن سىدىق، يوۋ لياڭيىڭ، مىن شياۋچىڭ قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: بۇ يىل پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىنىڭ تۇنجى يىلى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تارىخىي ئورنى بېكىتىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلاندى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق خوجايىن بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش ھەققىدە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىگە ئېنىق تەلەپلەر قويۇلدى. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ بۇرچى تېخىمۇ شەرەپلىك.

  قۇربان نىياز، ئەكبەر مەتناسىر، جاۋ جىنلۇڭ قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك زىممىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ دۆلىتىمىزدە بارلىق ھاكىمىيەت خەلققە مەنسۇپ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش؛ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلارنى بىرتۇتاش يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەشكىللەپ ئىلگىرى سۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

   مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن نەيىم ياسىن، شى داگاڭ، ليۇ خەيشىڭ، لى ۋېي، ما شۆجۈن، لو دۇڭچۈەن، پېڭ جيارۈي، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەسقەت كەرىمباي يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.