تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى مۇۋەپپەقىيەت، يېڭى تەجرىبە، يېڭى تەلەپ تولۇق نامايان بولدى

 ــــ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى توغرىسىدا (1)

  ‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  دۆلەتنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان تۈپ ئاساسىي قانۇنى بولغاندىلا، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىيات ئاساسى پۇختىلىنىدۇ. بۇ، ئاساسىي قانۇن تەرەققىياتىنىڭ تۈپ قانۇنىيىتى، شۇنداقلا ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

  13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللانغان ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمىسىدە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن زور نەزەرىيەۋى قاراش ۋە زور فاڭجېن – سىياسەتلەر دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىغا كىرگۈزۈلدى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئاساسىي قانۇن بەلگىلىمىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىنىشى ۋە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى مۇۋەپپەقىيەت، يېڭى تەجرىبە، يېڭى تەلەپنى نامايان قىلىپ بەردى، ئۇ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلغۇسى.

  قانۇن ئۈستىقۇرۇلمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەزمەن ئىقتىسادىي ئاساسنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىمۇ مۇشۇنداق ئالاھىدىلىك نامايان قىلىنغان. 1982 – يىلى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈشتىن ئىلگىرىگىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە تەرەققىياتىغا ئاساسەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇنغا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزدى. بۇ تۈزىتىشلەر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى ۋە كاپالەتلەندۈردى، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى ۋە كۈچەيتتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاساسىي قانۇن يېڭى ۋەزىيەتكە ئۈزلۈكسىز ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يېڭى ئۆلچەملەرنى چىقارغاندىلا، ئۇزاققىچە ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولالايدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئەمەلىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، مۇكەممەللىشىپ تەرەققىي قىلىشى دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ تەرەققىياتىدىكى روشەن ئالاھىدىلىك، شۇنداقلا تۈپ قانۇنىيەت.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكى يېتەكچى ئورنى بېكىتىلىپ، بىر قاتار زور سىياسىي ھۆكۈم ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىر قاتار مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلار چىقىرىلدى. بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى دۆلەتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى، ھەر قايسى تەرەپلىرىدىكى خىزمەتلىرىگە بولغان يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ باشتىن – ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بۇ قېتىم ماقۇللانغان ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىدە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمىنى تولۇقلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، بىرلىك سەپ تۈزۈمى، ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمى، دۆلەت رەئىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۈزۈمى، گوۋۇيۈەننىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمى، يەرلىكنىڭ نىزام چىقىرىش تۈزۈمى، رېۋىزىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار زور تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى چىقىرىلدى. بۇ زور تۈزىتىش پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغان ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ قانۇنىنىڭ يېڭى دەۋرنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ مېڭىشىنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ئەلنى خاتىرجەم قىلىش ئومۇمىي نىزامنامىسىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى، پارتىيە ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ تېخىمۇ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئابىدىسى بولدى.

   ‹‹قانۇن جاھاننىڭ مىزانى، ھەممە ئىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلىش كېرەك››. يېڭىدىن تۈزىتىلگەن ئاساسىي قانۇنغا قارايدىغان بولساق، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ باش نىشانى، باش ۋەزىپىسى، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، كەلگۈسى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىيات ئۇسۇلى، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئىستراتېگىيەلىك باسقۇچى، سىياسىي كاپالىتى قاتارلىقلار ئېنىق، روشەن. بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ قېلىپلاشتۇرۇش، يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرساق، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئەڭ كەڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى جەزمەن قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى