تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1–يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرى يىغىنىنىڭ 1–يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13– نۆۋەتلىك كومىتېتى 1– يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 2– يىغىن ئۆتكۈزدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرى يىغىنىنىڭ 1 – يىغىنى 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى(لايىھە)نى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ تەكلىپ نامزات ئىسىملىكى(لايىھە)نى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)نى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)نى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى(لايىھە)نى قاراپ چىقتى. يىغىن يۇقىرىقى لايىھەلەرنى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 2 – يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، باش كاتىپ جاڭ چىڭلى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى پەن لىگاڭ، شۇ چىمىڭ ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئالاقىدار لايىھەلەر توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن ليۇ چىباۋ، پابالا گېلىلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا 2 – يىغىن ئۆتكۈزدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   يىغىن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى (لايىھە)نى قاراپ چىقتى ھەم پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللىدى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ تەكلىپ نامزات ئىسىملىكىنى ماقۇللىدى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)نى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)نى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى (لايىھە)نى قاراپ چىقتى. يىغىن يۇقىرىقى لايىھە ۋە ئىسىملىكلەرنى ئومۇمىي ئەزالارنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ۋە غۇلغۇلا قىلىشى، كېڭىشىشىگە سۇنۇشنى قارار قىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، باش كاتىپ جاڭ چىڭلى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى پەن لىگاڭ ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن ليۇ چىباۋ، پابالا گېلىلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى