3-ئاينىڭ 12-كۈنى، مودېللار مودا كىيىم كۆرگەزمىسىدە «AUM» كىيىملىرىنى نامايان قىلدى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2018-يىللىق شېنجېن مودا كېيىم ھەپتىلىكى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى مارىسفولگ گۇرۇھىنىڭ «AUM» مودا كىيىم كۆرگەزمىسى بىلەن باشلاندى. بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان شېنجېن مودا كىيىم ھەپتىلىكى مەزگىلىدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن بولۇپ 200 نەچچە ماركا ۋە مودا كىيىم لايىھەلىگۈچىسى 80 نەچچە مەيدان مودا كىيىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىرقانچە مەيدان سەنئەتكە مۇناسىۋەتلىك مودا ئېقىم پائالىيىتى تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلىدۇ.