تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئارمىيە -خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئىستراتېگىيەلىك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك

  شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

ئارمىيە -خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئىستراتېگىيەلىك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى. سۈرەتتە: يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ـــ بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىشتىكى مۇقەررەر تاللاش، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر تاللاش بولۇپ، ئىستراتېگىيە ئارقىلىق يېتەكلەشنى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنى ماسلاشتۇرۇشنى، ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشتە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئىستراتېگىيەلىك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ يىغىن مەيدانىغا كىرىپ كەلگەندە، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە دۆلەت ئىشلىرىنى كېڭەشكەنلىكىدىن بەك خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

  يىغىندا، لى خوخۇي، گو پۇشياۋ، جاڭ شۆيۈ، ۋاڭ خۇيچىڭ، ياڭچۇ گېشى، لى ۋېي، جۇ چېڭ، ۋاڭ نىڭ قاتارلىق سەككىز ۋەكىل ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىقىنى كۈچەيتىش، ئالەم قاتنىشى ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، سىياسىي تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قوراللىق ساقچى قىسىم ئىسلاھاتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى باشقۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر – تەكلىپ بەردى. شى جىنپىڭ ۋەكىللەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى. ۋەكىللەر بەس – بەستە پىكىر بايان قىلدى، كەيپىيات قىزغىن بولدى.

  ۋەكىللەر سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن ئارمىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ، ھەربىي تەلىم – تەربىيە ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت مۇداپىئەسى پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن – تېخنىكىسىدا مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئىلغار پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئارمىيە قۇرۇلۇشىمىزنىڭ سۈپەت – ئۈنۈم تىپىدىن پەن – تېخنىكا كۆجۈملەشكەن تىپقا ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۇنيادىكى ھەربىي پەن – تېخنىكا ۋە قورال – ياراغلارنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەربىي – خەلق پەن – تېخنىكىدا ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، زور پەن – تېخنىكا تۈرلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ دەلىللەش ۋە يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېگىزلىكىنى تىرىشىپ ئىگىلەش كېرەك. ئېچىۋېتىش، ھەمبەھرىلىنىش قارىشىنى كۈچەيتىپ، بېكىنمە، مونوپول ھالەتنى قەتئىي بۇزۇپ تاشلاپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە بايلىق تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكىسىدا ھەممەيلەن بەسلىشىپ ۋە رىقابەتلىشىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان جانلىق ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىدا كەڭ ئېچىۋېتىش، كەڭ بىرلەشتۈرۈش، كەڭ كۆلەمدە بۇزۇپ، كەڭ كۆلەمدە تىكلەش يولغا قويۇلۇپ، قەدەم تېز ھەم پۇختا ئېلىنىپ، ئارمىيەمىزنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋە كۈچ سىستېمىسىنى پۈتۈن گەۋدە خاراكتېرلىك، ئىنقىلاب خاراكتېرلىك قايتىدىن بەرپا قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ قۇرۇلۇشىنى چەكلەۋاتقان تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇلار، قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى. سىياسىي تۈزۈم ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى ھەربىي سىياسىي تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىللەتلىرىنى قەتئىي يوقىتىپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ھەربىي تەلىم – تەربىيە ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئىسلاھات تەپەككۇرى ۋە چارىسى ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ جەڭگىۋارلىق كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. پۈتۈن ئارمىيە پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ ۋە قوللاپ، ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەربىي ۋە يەرلىكتىن ھالقىغان ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى بىرلىكتە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى باشقۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش ئاپپاراتى قۇرۇش ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ھەربىيلىكنى پۈتۈن جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ياخشى ئىشنى ياخشى ھەم پۇختا بېجىرىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئېتىقادى ۋە قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە ھەربىي قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش شەكلىدىكى تۈپ ئۆزگىرىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پۈتۈن ئارمىيە ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى سادىق ھۆرمەت قىلغۇچى، ئاساسىي قانۇنغا ئاڭلىق بويسۇنغۇچى، ئاساسىي قانۇننى قەتئىي قوغدىغۇچى بولۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئارمىيەنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇش تەييارلىقىغا جىددىي ئېھتىياجلىق، ئىسلاھاتتا جىددىي زۆرۈر، كوماندىر – جەڭچىلەر جىددىي ئارزۇ قىلىۋاتقان ھەربىي قانۇن – نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك كۈچەيتىش كېرەك. قاتتىق بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىنتىزام ئىجراسى ۋە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت ۋە جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە قاتتىق تۈزەشنى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىشى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت مۇداپىئەسى، ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىشى، پۈتۈن ئارمىيە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا پائال ياردەم بېرىشى كېرەك. ئارمىيە ۋە يەرلىك ئارمىيە خەلقنى سۆيىدىغان، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىدىغان شەرەپلىك ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ يىغىندىن ئىلگىرى، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللىرى ئۆمىكىدىكى بارلىق ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى