تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بەشنى گۈللەندۈرۈش» ئۈچۈن سىزىلغان خەرىتە

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى سۆھبەتلەشمەكتە.

  ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى: بۇ يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» دا « يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش» ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىندى.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتەك بۇ چوڭ ماقالىنى قانداق يېزىپ چىقىش ۋەكىللەر، ئەزالار ۋە شىنجاڭدىكى كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلاندى. كۆپچىلىك بىردەك «بەشنى گۈللەندۈرۈش» تىن ئىبارەت بۇ «خەرىتە»نى ياخشى لايىھەلەش كېرەك دەپ قارىدى.

  يېزا-كەنتلەردىكى كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

  يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشى ئاساس

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شەندۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېزا-كەنتلەردە كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، يېزىلاردا 1-، 2-، 3-كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، يېزا-كەنت كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئاساسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلاردا نامراتلىقنى كۈچەپ تۈگىتىپ، يېزا-كەنت تۇرمۇشىنىڭ باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيە قىزىلسۇ يېزا باش لەڭگەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1-شۇجىسى چېن لياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە يېزا-كەنتلەرنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى شەھەرلەر بىلەن تەڭ قەدەمدە ماسلاشتۇرۇشىمىز، دېھقانلارنى يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تەشكىللىشىمىز، بۇ ئاساستا تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشىشىمىز كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ يېڭى كەسىپلەر گۇرۇھى كېرىيە گۈيمى بىيو پەن-تېخنىكا پايچېك چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئادىل ئابدۇرازاق مۇنداق دەپ قارىدى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىدە، ئۆزگىچە، ئەۋزەل بايلىق ۋە كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، كەسىپ ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا يول ئېچىش كېرەك.

  يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش

  3-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچ، قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزا ھويلا كەنتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار، كەنت ئىككى كومىتېتى بەنزىسىدىكى كادىرلار ۋە پارتىيە ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەندۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنى بىر تۇتاش ئۆگىنىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دوڭ يېلىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان ئىشى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىسراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، بىز ھەمىشە قانداق قىلغاندا يېزىمىزنى گۈللەندۈرگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىزدەندۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزگە كونكرېت يول كۆرسىتىپ بەردى. باش شۇجى « يېزا-كەنتلەردە ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» دەپ ئېيتتى. يېزىلاردا ئىختىساسلىقلارنىڭ كەمچىل بولۇشى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال. بىز بۇ مۇرەككەپ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دېھقانلار كەچلىك مەكتىپى ئېچىپ، دېھقانلارغا باغ-ئورمانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، ئۆي ھايۋانلىرىنى بېقىش باقمىچىلىق تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى ئۆگىتىپ، كەنت ئۈچۈن ئاز بولمىغان ياش زاپاس كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقتۇق.

  دوڭ يېلىننىڭ قارىشىچە، دېھقانلار كەچلىك مەكتىپى ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۇسۇلى ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىكەن. كەنت ھېسسىيات بىلەن ئادەم تۇتۇپ قېلىش، كەسىپ بىلەن ئادەم تۇتۇپ قېلىش ئارقىلىق ئىختىساسلىقلار ئۈچۈن ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك يارىتىش سۇپىسى ھازىرلاپ تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىدىكەن.

  يېزا-كەنتلەر مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش

  يېزا-كەنتلەردە مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە نىسبەتەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، غۇلجا ناھىيە يېڭى تام بازىرى تۆۋەنكىئون كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مۇساجان نۇردۇننىڭ تەسىراتلىرى بەك كۆپ.

  مۇساجان نۇردۇن مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قوللىشى بىلەن شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئاممىۋى مەدەنىيەت ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەللەشتى، دېھقانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى رەڭدارلاشتى. ھەر دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن ھەممە كەنتتە بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرى تەشۋىق قىلىنىدۇ، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تولۇقلىما پۇللىرى تارقىتىلىدۇ. بۇ ئۈچ خىل خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپە، شىنجاڭدىكى يېزا-كەنتلەردە جۇاڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىلغار، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەشۋىق قىلىش بولۇپ، ئاممىنىڭ تونۇشىنى، بىلىشىنى ۋەتەنگە بولغان سۆيگۈسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تىلغا ئېلىنىشى بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى كافېدراسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مېھراي ئىبىراھىمنىڭ ئېسىگە بۇ يىللىق چاغان مەزگىلىدە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدىكى كەنتكە بېرىپ «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» گە قاتناشقاندا، تۇغقىنى بىلەن مەسنەۋى ۋە «بەخت خېتى» نى چاپلىغان خۇشال مىنۇتلار كەلدى.

  مېھراي ئىبراھىم مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىنى يېزا بويىچە تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد مىراس قالدۇرۇشتىكى ياخشى ئۇسۇل. مەن بىر ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن يېزا-كەنتلەرگە بېرىپ كۆپلەپ ماتېرىيال توپلاپ، ئاممىباپ، يېقىشلىق ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئىجاد قىلىمەن .

  يېزا-كەنت ئېكولوگىيەسىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش

  يېزا-كەنتلەردە ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش جەھەتتە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئالاھىدە تىرانسىفورموتور پايچېك چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش دېرىكتور جاڭ شىندەي بىر تەكلىپ ئېلىپ كەلدى.

  ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئولتۇراقلىشىشقا باب كەلتۈرۈش، يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈپ، ئادەملەر بىلەن تەبىئەتنىڭ ئورتاق ۋە ئىناقلىق تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جىڭ ناھىيە ماندان يېزىسى بېيدى ئوتتۇرا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نۇر مەمەت مۇنداق دېدى: يېزا-كەنتلەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»، « ئەخلەت ئىنقىلابى» قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش مەسىلىلىرىدىن باشلاش كېرەك.

  ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىلگىرىكى نەچچە يىلدا، ئۇ تۇرۇۋاتقان كەنتنىڭ قىياپىتى ئانچە ياخشى ئەمەس بولۇپ، يۇرتداشلارنىڭ ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قالاق بولغانلىقتىن، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەخلەتلىرى ئادەتتە ئۆيلىرىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى دەل-دەرەخلەرنىڭ تۈۋىگە، ئېرىق-ئۆستەڭلەرگە تۆكۈلەتتىكەن. بوران چىققان كۈنلىرى سۇلياۋ خالتىلار ۋە باشقا كېرەكسىز ئەخلەتلەر شامالدا ھەريان ئۇچۇپ مۇھىتنى بۇلغايدىكەن. كېيىن بۇ كەنتتە مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئەخلەتخانا سېلىنغاندىن كېيىن، ئەخلەتلەر بىر تۇتاش يىغىلىپ، توشۇلۇپ ۋە بىر تەرەپ قىلىنىپ، كەنت قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولغان.

  نۇر مەمەت مۇنداق دېدى: يېزىلارنىڭ تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش ئارقىلىق كەنتتىكىلەرنى ئۆزلىكىدىن خاتىرجەم، خۇشال-خۇرام، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

  يېزا – كەنت تەشكىلاتلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش

  كەنتنىڭ باي ياكى ئەمەسلىكىدە ياچېيكىغا قاراش كېرەك؛ ياچېيكىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئەمەسلىكىدە سەركىسىگە قاراش كېرەك .

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «يېزا-كەنت تەشكىلاتلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كۈچلۈك يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇپ، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان مۇنەۋۋەر يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرىنى تەربىيەلەپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېھقانلار ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالىتى بولغان زامانىۋى يېزا-كەنت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولۇشى، تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك».

  بۇنىڭغا قارىتا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جېمىنەي ناھىيەسى جېمىنەي بازىرى سارى ئۆلەڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى رېزا باقدۆلەت چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە.

  ئىلگىرى ساۋى ئۆلەڭ كەنتى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادى بىر مەھەل ئىزىدا توختاپ قېلىپ، ئاممىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا پىكرى كۆپ چىققانىدى. رېزا باقدۆلەت ۋەزىپىگە چىققاندىن كېيىن، «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىنى باشلاپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئاۋامدىن پىكىر ئالدى. يۈرەكلىك ھالدا بەنزىنىڭ خىزمەت تەقسىماتىنى تەڭشەپ، مەسئۇلىيەتنى ئېنىق، ئىنچىكە ئايرىپ، بەنزىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. شۇنىڭدىن تارتىپ، كەنتتىكىلەرنىڭ غەيرىتى ئاشتى، ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن، پۈتۈن كەنت 2016-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  رېزا باقدۆلەت مۇنداق دەپ قارىدى: يېزا-كەنت تەشكىلاتلىرىنى گۈللەندۈرۈشتە، چېچىلاڭغۇ، ئاجىز كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى رەتلەپ، يېزا-كەنتلەردىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىدىن تولۇق پايدىلىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەشكىلاتلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە پائالىيەت شەكىللىرىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى