تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ئىتتىپاق يېڭى كەنتى ئاھالىلەر رايونى پارتىيە ئەزالىرىنى ‹‹قالتىس سەن، ۋەتىنىم›› نى كۆرۈشكە تەشكىللىدى

  ئۆز خەۋىرىمىز: ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئىتتىپاق يېڭى كەنتى ئاھالىلەر رايونى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 30 دىن ئارتۇق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسىنى چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىم «قالتىس سەن ، ۋەتىنىم» نى كۆرۈشكە تەشكىللەپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھەر ساھەلىرىدە يۈز بەرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

  فىلىمدا ئاممىنىڭ تۇرمۇشى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ ئائىلە زىيارىتى ئېلىپ بارغان كۆرۈنۈشلەر كۆپ بولۇپ، تاماشىبىنلارغا چوڭقۇر تەسىر قىلدى. ئىتتىپاق يېڭى كەنتى ئاھالىلەر رايونى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى شۈيپىڭنىڭ ئاھالىلەر رايونى خىزمىتىنى قىلىۋاتقىنىغا 13 يىل بولغانىدى. ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز قۇدرەت تاپتى، بىز خىزمەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەپ ئىشلەيمىز، ئاھالىلەر رايونى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئامما ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشتا، مەن تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ ئاھالىلەرنى رازى قىلىمەن.

  70 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى سۈن جيەنماۋ مۇنداق دېدى: مەن 11 يېشىمدا دادامغا ئەگىشىپ خېنەندىن شىنجاڭغا كەلگەن. بۇ يىللاردا شىنجاڭدا ھەقىقەتەنمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. كىنونى كۆرۈش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكى ۋە يېڭى مۇساپىنى باشلىغانلىقىدىن تېخىمۇ بەك ھاياجلاندىم. قالتىس سەن، ۋەتىنىم.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاھالىلەر رايونى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ياش پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرىنى « قالتىس سەن، ۋەتىنىم» نى كۆرۈشكە تەشكىللەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى