ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى 67 ياشلىق موماي گرېتا پونتارېللى خادا ئۇسسۇلى ئوينايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ خادا ئۈستىدىكى ئەپچىل ھەرىكەتلىرى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى قايىل قىلغان.
گرېتا مۇنداق دېدى: مەن بىر قانچە يىل بۇرۇنلا بەدەن ساغلاملىقىم ئۈچۈن خادا ئۇسسۇلى ئويناشنى مەشىق قىلغانىدىم، كېيىن باشقىلار ماڭا بۇ ئۇسسۇل ئارقىلىق كەيپىياتنى تەڭشەشنى سىناپ بېقىش تەكلىپىنى بەردى. دەسلەپتە خادا ئۇسۇلى مۇئەللىمىمۇ مېنىڭ بۇ ئۇسسۇلنى ئوينىيالايدىغانلىقىمغا ئىشەنچ قىلالمىغان، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىش ئارقىلىق ھازىرقى ھالەتكە كەلدىم.
ھازىر، گرېتا ئۆزى خادا ئۇسسۇلى سىنىپى ئاچقان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ خادا ئۇسسۇلىدىن خۇشاللىق تېپىشىنى ئۈمىد قىلدى. دەرسكە كەلگەن نۇرغۇن ياشلار : گرېتا بىزگە ئىلھام بولدى، ئۇ شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت غەيرەت قىلىپ، بۇنچىلىك يۇقىرى سەۋىيەدە مەشىق قىلالىغان ئىكەن، بىزمۇ چوقۇم قىلالايمىز.