سۈرەتتە: 3-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 14:09 دا شەھەر ئاھالىلىرى ئەتىيازلىق كىيىملىرىنى كىيىپ قىزىلتاغ باغچىسىدا سەيلە قىلماقتا.
شىنجاڭ تورى خەۋىرى: شەرقىي جەنۇب شامىلىنىڭ چىقىشى بىلەن ئۈرۈمچى ئاساسلىق شەھەر رايونىنىڭ 3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى ئەڭ يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 20.8 سېلسىيە گرادۇسقا ئۆرلەپ، 1951-يىلى مېتېئورولوگىيە خاتىرىلىگەندىن بۇيانقى شۇ كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا يەتتى.
لېكىن 20 سېلسىيە گرادۇسلۇق تېمپېراتۇرا قىسقا ۋاقىتلىقلا بولۇپ، ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ كىرىشى بىلەن ئۈرۈمچىدە سەيشەنبە كۈنى بۇ يىلقى تۇنجى يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا يەنە تۆۋەنلىشى مۇمكىن.
ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن ئاي بېشىدا ئۈرۈمچىگە روشەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كىرمىدى، ئىللىق ھاۋانىڭ تەسىرىدە تېمپېراتۇرا ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 0 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولۇپ، 10 يىلدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا يەتتى. ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا، ئۈرۈمچى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىپ، ئاساسلىق شەھەر رايونىنىڭ شامال كۈچى تۆت بالدىن بەش بالغىچە بولدى.
ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ ئۆلچەپ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاساسلىق شەھەر رايونىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 20.8 سېلسىيە گرادۇسقا يەتكەن، سەھەردىكى تېمپېراتۇرىسىمۇ 9 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا بولغان بولۇپ، ئۆتكەن يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى بۇ ۋاقتلاردا تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ئىكەن.
مېتېئورولوگىيە ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىركى 3-ئاينىڭ 11-كۈنىنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 1983-يىلىدىكى 11.4 سېلسىيە گرادۇس بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ ۋاقتتىكىدىن 10 سېلسىيە گرادۇسقا يېقىن ئۆرلىگەن.