تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

بەختلىك بولاي دېسىڭىز كىچىك ئىشلارغىمۇ دىققەت قىلىڭ

    قوپاللىق ئەخلاق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىدا شەكىللەنگەن بىر خىل ئادەت. ئەقىللىق ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز خاتالىق سادىر قىلىپ قالغىنىغا ئوخشاشلا، قوپال گەپ قىلغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مىجەزى ئوسال بولۇشى ناتايىن.
    دائىم ئېرىڭىزنىڭ چىش پاستىسىنى ئوتتۇرىدىن سىقىپ چىقارغانلىقىغا كىرىشىپ قالماڭ، تاماق يېگەندە ئاۋاز چىقىرىپ يېگەنلىكى توغرىسىدا كوتۇلدىماڭ.
    ئايالىڭىزنىڭ فىزىئولوگىيەلىك دەۋرى ئۇنىۋېرسال كېسىلى قوزغالغان پەيتلەردە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى بەك زىغىرلاپ كەتمەڭ.    
    پۇتبول مۇسابىقىسى پەقەت 90 مىنۇتلا داۋاملىشىدۇ، ئېرىڭىزنىڭ مۇسابىقىنى كۆرۈۋېلىشىغا يول قويسىڭىز تۇرمۇشىڭىزغا كۆپ تەسىرى بولمايدۇ.
    ئايالىڭىزنىڭ بەزىدە ئانىسىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قېلىشى نورمال، چۈنكى ئۇ ھازىر ئاتا-ئانىسىنىڭ قەدرىگە بەكرەك يەتتى.
    ئېرىڭىزنىڭ توي خاتىرە كۈنۈڭلارنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى ئۇنىڭ سىزنى سۆيمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
    ئايالىڭىزنىڭ يان تېلېفونىڭىزدىكى قىسقا ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلغىنى پەقەت ئۆزىنى بەكرەك خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن خالاس.
    ھەمىشە ئېرىڭىزنىڭ «كىچىك خەزىنە» سىگە كىرىشىپ قالماڭ، ئېرىڭىزنىڭ يېنىدا ئاز-تولا پۇل ساقلىشى ئۇنچە يامان ئىشمۇ ئەمەس.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى