چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فارارى ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋە قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سېرجىئو مارچىئون (Sergio Marchionne) فارارى ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ 2019-يىلنىڭ ئوتتۇرىدا تۇنجى تىپلىق ئارىلاشما ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك ئاپتوموبىلنى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ فارارى ئارىلاشما ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك ئاپتوموبىلغا V8 موتور ۋە بىر يۈرۈش يېڭى ئاچقان ئارىلاشما ھەركەتلەندۈرگۈچ سىستېمىسى سەپلىنىدىكەن. بۇ ئاپتوموبىلنى فارارى LaFerrari تىپلىق مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ ھەرىكەت ئېنىرگىيەسىنى يىغىۋېلىش سىستېمىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ تىپتىكى ئاپتوموبىلغا ئەنئەنىۋى ئارىلاشما ھەركەتلەندۈرگۈچ سىستېما قوللىنىلىدىكەن. نۆۋەتتە، فارارى شىركىتى قارمىقىدىكى قايسى بىر خىل تىپتىكى ئاپتوموبىلنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزگەرتىلىپ، ئارىلاشما ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك ئاپتوموبىلغا ئايلىنىدىغانلىقى تېخى ئېنىق بولمىغان، بەلكىم بىر يېڭى تىپتىكى SUV ئاپتوموبىلى بولۇشى مۇمكىنكەن.