شىنلاڭ تورى خەۋىرى: بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەردە گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى دورتمۇند كۇلۇبى رېئۇس بىلەن بولغان توختامنى 2023-يىلىغىچە ئۇزارتقانلىقىنى جاكارلىدى.
رېئۇسنىڭ دورتمۇند كۇلۇبى بىلەن تۈزگەن ئىلگىرىكى توختامى 2019-يىلى ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ توختامنى ئەسلىدىكى ئاساستا يەنە تۆت يىل ئۇزارتقان. رېئۇس بۇ يىل 28 ياش، ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمچىسى، 2012-يىلى مىيۇنخېن گىلادباخ كوماندىسىدىن دورتمۇند كوماندىسىغا يۆتكەلگەن، بىرلەشمە مۇسابىقىدە دورتمۇند كوماندىسى ئۈچۈن 92 توپ كىرگۈزگەن.
بۇ مۇسابىقە پەسىلىدە ئۇ يارىلانغانلىقتىن، ئالدىنقى ئايدا ئاندىن مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كەلگەن، شۇنداقلا كوماندا ئۈچۈن يەتتە قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئۈچ توپ كىرگۈزگەن.